چاقماق خەۋەر
Home 20 ھەققىمىزدە

ھەققىمىزدە

بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، مانجۇ ئىستىلاسىدىن تارتىپ زېمىنىمىز قولدىن كەتكەن مۇشۇ 200 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئۆز نومۇسىمىزنى ئاقلاش ۋە ئازادلىقىمىز ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلدۇق. بولۇپمۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان 60 نەچچە يىل ئىچىدە، ئازادلىق كۈرىشىمىز ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، خەلقىمىز، قەھرىمانلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جېنى، ياشلىق ھاياتى ۋە بارلىق ئىمكانى بىلەن بۇ يولنى داۋاملاشتۇردى. دۈشمىنىمىزنىڭ قانچىق كۈچلۈك بولۇشى ۋە بىزنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇشلىرى خەلقىمىزنى بىر قەدەممۇ ئارقىغا چىكىندۈرەلمىدى ۋە ئۈمىدسىزلەندۇرەلمىدى.

   مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈككەن رەھبەرلىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز، ھەقىقىي دىنىي ئۆلىمالىرىمىز، يازغۇچى، شائىر، تارىخچىلىرىمىز ۋە سىياسەتچىلىرىمىز ھەرقايسى ئۆز دەۋرىدە، ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇقەددەس مەقسىتىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدى ۋە ئەۋلادلارنى يىتىشتۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدا ۋە شاگىرت تەربىيىلەشتە، يازمىلىرىدا ۋە شىېئىرلىرىدا بىزلەرگە يىتەكچى ئىدىيە ۋە سۇنماس روھلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. گەرچە ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماي، ئازادلىق ، نىجاتلىق دېگەننى يادلاپ تامچە-تامچە ياشلارنى تۆكۈپ، لەھتە-لەھتە قانلارنى تۆكۈپ، پۈتۈن ياشلىق ئۆمىرىنى تۇرمىلەردە ئۆتكۈزۈپ، ئاھ ئازادلىق دەپ يورۇق دۇنياغا تەشنا بولۇپ، ئۇ ئالەمگە كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىسى، پولاتتەك ئىرادىسى، چىكىنمەس روھى بىزنى يىتىلدۇردى. ئۇلار پۈتۈن ئارمان ۋە مەقسەتلىرىنى بىز گە ئامانەت قويۇپ كەتتى.

  ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر قاتلام، ھەر ساھە ۋە ھەر جايدا ئېلىپ بارىدىغان كۈرەشلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت كۈرىشى ساھەسى ئەڭ مۇھىم سەپلەرنىڭ بىرىدۇر. خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنيا خەلقىگە ۋە دېموكراتىك ئەللەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن توغرا ئاڭ ۋە نىشانغا يېتەكلەش، مىراسخور ئەۋلادلىرىمىزنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئازادلىق روھىدا تەربىيىلەش شۇنداقلا تارىخ، كۈلتۈر، جۈملىدىن مەدەنىيەت، مائارىپ،  دىنىي ئېتىقاد ، ئەدەبىيات ، سەنئەت ساھەلىرىدە تەتقىقاتلار، ئىلمىي مۇھاكىمىلەر، پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، ئامېرىكىدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە « خەلقئارا ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقتۇق.

  مەركىزىمىز تۇنجى قەدەمدە رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە ھەرىكەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا بىر پارچە يەر ياكى بىنا سېتىۋېلىپ، مەسچىت، مەكتەپ، كۇتۇپخانە، مۇزېي، ئىشخانە، پائالىيەت زالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى بىنا بەرپا قىلىشنى پىلان قىلغان بولۇپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پائال ياردىمىدە بۇ ئىش دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.

  مەركىزىمىز يەنە « خەلقئارا ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزى» تور بېتى تەسىس قىلىپ، بىر تەرەپتىن قەلەم كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىشنى باشلىۋەتتۇق.

ئالدىمىزدا تەشكىلى قۇرۇلمىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادى مەنبەلىرىمىزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىلىم ئەھلىلىرىمىزنىڭ ئەقىل جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ، مۇكەممەل چارە ‏- تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق بارلىق تەشكىلاتلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك ئىشلارنى باشلاشقا تەييارمىز.

 « خەلقئارا ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزى» ئىدارە ھەيئىتى

Leave a Reply

Scroll To Top