چاقماق خەۋەر
Home 20 Author Archives: ئاتامان (page 11)

Author Archives: ئاتامان

رابىيە قادىر خانىم« 2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» بولۇپ سايلاندى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئاياللار كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 5 – ماي كۈنى يىغىن چاقىرىپ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى «2013 – يىلىنىڭ نەمۇنە ئانىسى» قىلىپ سايلىدى. بۇ خەۋەر تۈركىيىدىكى «خابېر تۈرك»، « ت ر ت تۈرك» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى. ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رابىيە ئىلكتۈركنىڭ مۇخبىرلارغا ... Read More »

قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىندا 19 ئادەم قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتا يۇرتىمىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ 21 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەم قولغا ئېلىندى. جۇڭگونىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا، قەشقەرنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۆلكىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىن 1200 كىلومېتىر يىراقلىققا ... Read More »

خىتاي توققۇزاق ناھىيىسىدە ئاياللارغا ياغلىقنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينەكنى قىسقىراق كېيىش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە باشلىد

خىتاي مارالبېشىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن  ۋە تەدبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز توربېتىگە مەلۇم قىلىشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۈزى يېپىلغان ئايللارنى ياغلىقىنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينىكىنى نىسبەتەن قىسقىراق كىيىشكە بۇيرىغان. ساقچى ۋە كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر، نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چېغىدا «بۇ تۈزۈم ئىدىيەڭلاردىن ... Read More »

مارالبېشىدىكى كەنت مەسئۇللىرىغا كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن

مارالبېشىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يېقىندا ئېچىلغان بىر يىغىندا ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان كەنت پارتكوم سېكرىتارلىرى ۋە كەنت باشلىقلىرىغا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. ئادەتتە چەت يېزىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان بۇ جازا شەكلىنىڭ، يېتىلگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كەنت مەسئۇللىرىغا تەدبىقلىنىشى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقۇچىلاردا ھەيرانلىق ۋە ئويلىنىش پەيدا قىلغان. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى ئۇيغۇربىز تورىغا ئىنكاس يوللاپ، مارالبېشىدا كەنت مەسئۇللىرىنىڭمۇ يېزا ۋە ناھىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئېغىر ... Read More »

ئالىم سېيىتوف: «خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوغلىنىشى تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس

شاڭخەيدىكى لۇشى مەسچىتى ئالدىدا يايمىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، 3 – ماي جۈمە كۈنى ساقچى، باج، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارە خادىملىرىنىڭ بازاردىن يولسىزلىق بىلەن قوغلىشىغا، يايمىلىرىنىڭ ئۇرۇپ چىقىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەنلىرى دۇمبالاشلارغا ئۇچرىدى، ئاھانەتكە چىدىمىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خورلۇققا، ئادالەتسىزلىككە، كەمسىتىشكە ئۇچرىشى ۋە قوغلىنىشىغا دائىر ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ يېقىندىكىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خەۋەر ... Read More »

تۇردى ئاخۇن ئاكا

مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881-يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيسنىڭ ئوچار يېزىسدا نەچچە ئەجدادىدىن تارتىپ ئەلنەغمىچىلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن مۇقامچىلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇن ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق نەغمىچىسى ۋە مۇقامچىسى بولۇپ، قەشقەردىكى مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مۇقامچى ئاكا-ئۇكا چىلىم ئاخۇن، موللاخۇن مۇقام، سېتىۋالدى قاتارلىق مۇقام ئۇستىلىرى بىلەن     تونۇشۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىسىدىن ئۆگەنگەن. بىراق تەۋەككۈل ئاخۇن جاھالەتلىك كونا جەمئىيەتتە ئىززەت-ئېتىبار تاپالماي، ساتارىنى ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى ۋە تائاملىرى

ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى يېمەك – ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتىغا ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان تاماق ئېتىش ھۈنەر – سەنئىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى تاماقلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى تاماق ئېتىش سەنئىتىگە، تاماقنىڭ تازىلىقىغا ... Read More »

چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتى

چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتى-مىلادىيە 13 ‏- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 19 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋر، چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتىدۇر. بۇ ئەدەبىيات تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بۇ دەۋر ئەدەبىياتىغا سەككاكى، لۇتفىي، ئاتايى، نەۋائىي، بابۇر، ئابدۇرەھىم نىزارى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋەكىل بولالايدۇ. Read More »

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى- مىلادىيە ‏10،13 ‏-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىيات بولۇپ،بۇ ئەدەبىياتتا يېزىلغان ئەسەرلەر ئاساسەن ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقلىرىدا يېزىلغان.مەسىلەن؛ « ئالتۇن يارۇق »، «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «ئوغۇزنامە»، « ئىككى تېكىننىڭ ھەكايىسى»، « شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلەر بار. Read More »

ئورخۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئورخۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  7 ‏- ئەسىرلەردە ئورخۇن ۋە يېنسەي دەريالىرى ئەتىراپىدا ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشلار ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يادىكارلىقلاردىن تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى، مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى قاتارلىقلار بار. Read More »

Scroll To Top