چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى
كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى

كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى

كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
pichan-lukchun-weqesi-saqchixana-hujum.jpg

پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كۆيدۈرۈلگەن ساقچى ماشىنىلىرى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.

26-ئىيۇن تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇش كانادا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭرى يەر ئالدى.

كانادادا چىقىدىغان خەلقئارالىق، دۆلەتلىك ۋە يەرلىك گېزىتلەردىن «يەر شارى ۋە مەكتۇپلار»، «دۆلەت پوچتىسى»، «تورونتو يۇلتۇزى»، «ۋانكۇۋېر قۇياشى» قاتارلىق گېزىتلەر ئارقا-ئارقىدىن بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئاساسەن خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايدىغان تۈركى تىل سىستېمىسىغا تەۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپىيىۋاتقانلىقى، لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. خەۋەرلەردە يەنە نەقىل كەلتۈرۈپ لۈكچۈن ۋەقەسىنى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 200 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قانلىق توقۇنۇش دەپ ئاتىغان.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلەردە يەنە، قولىدا قورالى يوق پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىخانىلار، ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ۋە خىتاي ئاققۇنلىرى ئىشلەۋاتقان قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى نىشان قىلغانلىقى، بۇ توقۇنۇشتا 35 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە بىرنېمە دېيىشنىڭ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى ھېسابلانغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بەرگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، ھەر 30 كىلومېتىر ئارىلىقتا قاتتىق كونترول نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق جىددىيلىشىپ كېتىشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ھەددىدىن ئاشقان دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قاتارلىقلار تەكىتلىگەن.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە پاكىستانلارغا چېگرىداش، يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بىر زېمىن ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقىنىغا قارىماي رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئۇلغىيىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە كەڭرى خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كانادادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردە لۈكچۈن ۋەقەسىدىن بىر قانچە كۈن كېيىن يۈز بەرگەن خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەر كۆرمەك تەس. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە جىددىي رەۋىشتە خەۋەر بەرمىگەنلىگىدىن شىكايەتچى.

مەنبە :  RFA

Leave a Reply

Scroll To Top