چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى. 2013-يىلى 27-ئىيۇن.

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلىدە بىر قاتار ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەپ تەكىتلەپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ناھايىتى كۈچەيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى ھەدەپ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا باغلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تارمىقىدىكى توم لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خەلقئارا قانۇنلاردا ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ قارالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيە دائىرىلىرى مۇقىملىقنى قوغداش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداش دېگەن ناملار ئاستىدا بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشماقتا. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر ھەممىسى ئارقا-ئارقىلاپ سۆز قىلىپ، بۇ ۋەقەلەرنى «زوراۋانلىق، تېررورلۇق» دەپ ئاتىدى ھەمدە «ئوت بىلەن ئويناشقان» بۇ كىشىلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە نۇرغۇن يېڭى تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، كىشىلەرنىڭ نورمال كۈندىلىك تۇرمۇشى، پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەر ئاستىغا ئالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لۈكچۈن ۋە خوتەندىكى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنى خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلغان ھالدا، ئادىل سوت تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەمما، ئۇيغۇر رايونلۇق دائىرىلەر بولسا دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ئۇنسۇرلارنى تېزلىك بىلەن جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى ئاچقان يىغىندا«تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن نازارەتچىلىكى بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە تېز قولغا ئېلىپ، تېز ئەيىبلەپ، ئېغىرلىتىپ، قاتتىق، تېز، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، تەپتىش ھالقىلىرىدا ھەرگىز ئىشنى ئاقساتماسلىقى كېرەك» دېگەن يوليورۇقنى بەرگەن.

ھازىر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سىرت، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى، ئىدارە-ئورگان رەھبەرلىرىنىڭ ۋەقەنى ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن. بۇ خەۋەرلەردە بىردەك ھالدا، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىۋاتقانلىقى، بۇنداقلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش قارا نىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقى قايتا-قايتا تەكىتلەندى. ئەمما، ئامېرىكىدا قانۇن پەنلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابلاجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نىشان قىلىنغان نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە خەلقئارا قانۇنلاردىمۇ تېررورلۇق دەپ باھا بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى چەتئەللەردىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز باياناتلىرىدا ۋەقەنى تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزمىدى. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا، مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلدى. بۈگۈن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى توم لانتۇس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ۋەقەلەر ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. باياناتتا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان، ھۆكۈمەت قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقنى دەرھال توختىتىشى، بارلىق پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

ئابلاجان ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەرمىگۈچە، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى نۆۋەتتە چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۈگۈن ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «قارشى پىكىر ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خاتا سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىندى.

مۇلاھىزىدە،«خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىشىڭ ئورنىغا، خاتا سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋام قىلدى ۋە نەتىجىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى پەرق تېخىمۇ زورىيىپ، زور بىر ھاڭ پەيدا بولدى» دېيىلگەن شۇنىڭدەك ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، قوش تىرناق ئىچىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زورلاپ تاڭماقچى بولىدىكەن، شۈبھىسىزكى، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدەك ۋەقەلەر داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

 

مەنبە : RFA

Leave a Reply

Scroll To Top