چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلمىغان. ئەنگىلىيەگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000 – يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كېلىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىشى ۋە يەرلىشىشىدەك سۈرئەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە.

ئەنگىلىيەدە تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخى ئۇستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- يىللىرىدىن باشلاپلا ئەنگىلىيەگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەگە تۇنجى قېتىم سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1999 – يىلى كەلگەن ئەنۋەر توختىنى، 2001 – يىلى كەلگەن ئەزىز ئەيسا، سۇبھى، كامال، ئابلەت مەتنىياز، نىجات قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2000 – يىللىنىڭ ئالدى – كەينىدە  سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن مانچېستېردىن كامىل ئەزىز، لوندوندىن نىزامىدىن ساماتوف، ئۆمەجان كەرىموف قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى  مىسال قىلالايمىز.

ئەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساننىڭ 20-30%  كۆپرەكىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق. ئۇلار ئاساسلىقى ۋەتەندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۇركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، ئۆزى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتماقتا ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەنگىلىيەدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا كىرگۇزۇلمىدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى توۋەندىكى شەھەرلەردە ياشايدۇ:

لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار – ئۇلارنىڭ سان تەخمىنەن 200 دىن كۆپىرەك، ئاساسلىقى لوندوننىڭ شىمالىدىكى تۈركلەر مەركەزلىشىپ ياشىغان رايونلاردا ياشايدۇ.

مانچېستېردىكى ئۇيغۇرلار – ئاساسلىقى مانچېستېر ۋە برادفورد ئەتىراپلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى 40 ئەتراپىدا.

بېرمىنخامدا تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

سچوتلاندنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

نەۋكاستلەدا تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاياشايدۇ.

ۋە بىزگە مەلۇم بولمىغان ئەنگىلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 50 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىش تارىخىنىڭ قىسقا ۋە سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك تاكى ھازىرغا قەدەر ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر مۇستەھكەم جەمئىيەت قۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىدى ياكى جەمئىيەت قۇرۇلسىمۇ، يۇقىرىقى ئەۋزەلسىز شارائىتلار تۇپەيلى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

ئەمما 2004- يىلى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەنگىلىيەدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر ۋە ئەنگىلىز مۇزىكانتلاردىن تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى ئەنگلىيىگە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە ئەكلىپ باش قوشتۇرۇشتا، مەنىۋىي ھاياتىنى بېيتىشتا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى ۋە بۇ خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت – سەنئىتى ياۋروپادا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجابىي ئوبرازى يارىتىلىشقا مۇئەييەن ئاساسلارنى سالدى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە سىمۋولى قاتارىدا ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا خەلىقلىرىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ كەڭ تونۇشلۇق بولۇپ قالغان بىر سەنئەت گۇرۇپپىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇششاق تىجارەت، قۇرۇلۇش ۋە گۆزەتچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاز بىر قىسىملىرى مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكىلىرى ۋە باشقا كەسپىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق تۇرمۇش كاپالەت ياردىمىدە ياشايدۇ.

مەنبە: ئەزىز ئەيسا

Comments are closed.

Scroll To Top