چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى

Category Archives: ئۇيغۇر مەشرەپلىرى

Feed Subscription
  • يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

    يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى  « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان ...

  • مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى

    مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى  مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقا...

  • مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى

    مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى  ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان م...

  • مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

    مەكىت ئوۋچى مەشرىپى  ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاش...

  • لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى

    لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى  لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىل...

  • گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

    گۇما كىلىياڭ مەشرىپى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغى...

  • كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

    كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مو...

  • كەلپىن ئودىكام مەشرىپى

    كەلپىن ئودىكام مەشرىپى  كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇب...

  • قۇمۇل كۆك مەشرىپى

    قۇمۇل كۆك مەشرىپى  قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەق...

  • قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى

    قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى  «كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خ...

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى

يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى  « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ.  بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ... Read More »

مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى

مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى  مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ... Read More »

مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى

مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى  ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقان مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپلىق ئىش قىلسا ياكى بىرەر كىشى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ زىتىغا تىگىپ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ... Read More »

مەكىت ئوۋچى مەشرىپى

مەكىت ئوۋچى مەشرىپى  ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى ... Read More »

لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى

لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى  لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن دۇنياغا داڭلىق لوپنۇر كۆلى ۋە قەدىمىقى غەربى يۇتقا ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن 36شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان كىروران خانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، لوپنۇرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. لوپنۇرلۇقلار تارىختىن ئوت-سۇ قوغلىشىپ ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ ئۆزىگە ... Read More »

گۇما كىلىياڭ مەشرىپى

گۇما كىلىياڭ مەشرىپى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى ... Read More »

كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر. « كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » – قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- ... Read More »

كەلپىن ئودىكام مەشرىپى

كەلپىن ئودىكام مەشرىپى  كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىقنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت ئەتىراپى تاقىر تاغلار بىلەن قورشالغان قەدىمىي يۇرت.    ئەزەلدىن قويۇق ئەپسانە-رىۋايەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان كەلپىنلىكلەر ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ماددىي ئىستىمالغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بولغان قانماس ئاشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ... Read More »

قۇمۇل كۆك مەشرىپى

قۇمۇل كۆك مەشرىپى  قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم يەرلىك تۈسكە ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنساناپ ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» دۇر. «قۇمۇل كۆك مەشرپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. شۇڭا ... Read More »

قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى

قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى  «كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛  ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، ... Read More »

Scroll To Top