چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

Category Archives: ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

Feed Subscription

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن) مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا 1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تالانتلىق شائىر، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى، مىللەت سۆيەر جەڭچى ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئوغلى ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ باغرى يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقىرۋالغان. كېيىن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 12 يېشىدا ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ، ... Read More »

شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»

شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» Read More »

چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتى

چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتى-مىلادىيە 13 ‏- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 19 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋر، چاغىتاي دەۋر ئەدەبىياتىدۇر. بۇ ئەدەبىيات تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بۇ دەۋر ئەدەبىياتىغا سەككاكى، لۇتفىي، ئاتايى، نەۋائىي، بابۇر، ئابدۇرەھىم نىزارى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋەكىل بولالايدۇ. Read More »

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى- مىلادىيە ‏10،13 ‏-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىيات بولۇپ،بۇ ئەدەبىياتتا يېزىلغان ئەسەرلەر ئاساسەن ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقلىرىدا يېزىلغان.مەسىلەن؛ « ئالتۇن يارۇق »، «چاشتانى ئىلىك بەگ»، «ئوغۇزنامە»، « ئىككى تېكىننىڭ ھەكايىسى»، « شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلەر بار. Read More »

ئورخۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ئورخۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  7 ‏- ئەسىرلەردە ئورخۇن ۋە يېنسەي دەريالىرى ئەتىراپىدا ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشلار ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يادىكارلىقلاردىن تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى، مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى قاتارلىقلار بار. Read More »

ھازىرقىي زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

ھازىرقىي زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى19 ‏-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شەكىلىنىشكە باشلىغان ئەدەبىيات.بۇ ئەدەبىيات ئورخۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە چاغىتاي تىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تىل ۋە باشقا ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەدەبىياتتۇر. Read More »

Scroll To Top