چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ئۇيغۇر ئۆرپ –ئادەتلىرى

Category Archives: ئۇيغۇر ئۆرپ –ئادەتلىرى

Feed Subscription

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ. بەلكىم باشقىلار بۇنداق كۈچەتنى تاپالمىغان بولسا يۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ... Read More »

كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى

كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد كوسىراپلىقلار- ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسىراپ يېزىسىدا ياشىغۇچى خەلق. كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي، زەرەپشان دەرياسى ۋە بۇ دەرياغا قوشۇلىدىغان يازاق، چارلۇڭ دەريالىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان تاغلىق يېزا. شەرقى ئۇزۇنلۇق ″33′76-″02′76قا ،شىمالىي كەڭلىك ″96 ′37- ″07′38قا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تارتاجىك مىللىي يېزىسى، ... Read More »

ئۇيـغۇرلارنىـڭ ھـېيت-بايـرام ئادەتـلىرى

ئۇيـغۇرلارنىـڭ ھـېيت-بايـرام ئادەتـلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كىيىن، بۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە بايراملار بارلىققا كەلدى. رۇزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت شۇنىڭ جۇملىسىدىندۇر. بۇ بايراملارنىڭ دىنى تۇسى ئاستا- ئاستا ئاجىزلاپ، بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنئەنىۋى مىللى بايرامغا ئايلىنىپ كەتتى. زامانلارنىڭ ئۇتۇشى بىلەن بۇ بايراملارغا دائىر بىر مۇنچە ئادەت قائىدە يۇسۇنلار شەكىللەنگەن. قۇربان ھېيىت يېقىنلاپ قالغانلىقتىن قۇربان ھېيىتتىن باشلايلى. قۇربان ھېيىت- ... Read More »

بۆشۈك

ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر “كارۋات”نى تەييارلاپ، ئۇنى “بۆشۈك” دەپ ئاتىغان. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مەنبە: ئۇيغۇر ئۆرۇپ_ئادەتلىرى     Read More »

بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپىلىرى

بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپىلىرى پەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ ... Read More »

ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بىرىش ئادىتى

  ئۇيغۇرلاردا سوۋغا بىرىش ئادىتى ئابدۇقەييۇم مىجىت ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئادەم بىلەن ئادەم ۋە شەخىس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىگە خاس ئەخلاق نۇرمىلىرىنى ۋە قاىىدە – يۇسۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن سوۋغات بىرىش ئادىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. « سوۋغات ــ باشقىلارغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش، كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن بېرىلىدىغان نەرسە » ... Read More »

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ... Read More »

Scroll To Top