چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

Category Archives: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

Feed Subscription

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ. بەلكىم باشقىلار بۇنداق كۈچەتنى تاپالمىغان بولسا يۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ... Read More »

يەكەندىكى مەسچىدلەر

يەكەندىكى مەسچىدلەر يەكەن ناھىيەسىدىكى جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ بىرى ،يەكەن ئازنا مەسچىد شەرقى چاغاتاي خانلىقى (موغۇلىستان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەمىرلىرىدىن مەھەممەت ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتىسى)زامانىسىدا يەنى مىلادىيە 1466-يىلى يەكەن كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن يەرگە ياسالغان ،بەزىلەر بۇ مەسچىدنى ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا ئابابەكرى ياساتقان دەيدۇ.ئەمەليەتتە مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاغىسى مەھەممەد ھەيدەر ... Read More »

يەكەندىكى مازارلار

يەكەندىكى مازارلار جاللات خىنىم مازىرى بۇ مازار يەكەن كونا شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 79كىۋادىرات مىتىر،مازارلىق ئانچە چوڭ بولمىغان قەبرىستانلىق ئىچىدە بولۇپ،قۇرۇلۇشمۇ باشقا ئادەەتتىكى قەبرىلەردىن پەرقسىز. مازارنىڭ ئىگىسى سەئىدىيە سۇلتانلىقى خان جەمەتىدىكى مەلىكىلەردىن بىرى بولۇپ،ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ12-ئوغلى،تۇرپان،قۇمۇل تەرەپلەرگە ئومومى ۋالى بولغان ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئەۋلادى.تارىختا مەشھۇر نامى بار غوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ كىچىك خوتۇنى،ئۇ ئاپپاق غوجا ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز ئوغلىنى ئاپپاق غوجىنىڭ ۋارىسى ... Read More »

دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ... Read More »

بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز

بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز ئابلىز مۇھەممەد سايرامى   ‹‹بوۋاقلارغا خاس ئارامگاھ، راھەت ماكان›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە بۆشۈك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. بۆشۈكنىڭ ئاددىي ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىكلىكىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا بۆشۈك ئىشلىتىشى خېلى ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم. تۇرمۇشىمىزدىكى بۆشۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، نۇسخىلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقانلىرى خانتاجى، سەنەم، قول سەنەم، قىرىما، ئەگمە، ناۋا، ئانارچە بۆشۈك، ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرنى، تۇرمۇش شەكلى ھەم مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، قىممەت قارشى ... Read More »

كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى

كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد كوسىراپلىقلار- ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسىراپ يېزىسىدا ياشىغۇچى خەلق. كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي، زەرەپشان دەرياسى ۋە بۇ دەرياغا قوشۇلىدىغان يازاق، چارلۇڭ دەريالىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان تاغلىق يېزا. شەرقى ئۇزۇنلۇق ″33′76-″02′76قا ،شىمالىي كەڭلىك ″96 ′37- ″07′38قا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تارتاجىك مىللىي يېزىسى، ... Read More »

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ. ‹‹ كېلىن ››سۆزىمۇ مۇشۇ ئائىلە جەمەتى ئىچىدىكى بىر مۇھىم سۆز بولۇپ،ئۇ گەرچە ‹‹ ئانا ››دېگەن سۆزدەك ئۇلۇغ،‹‹ ... Read More »

ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت

ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق ياركەنت خانلىقى بولسا چاغاتاي ئەۋلادى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىق بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيىسىدىن قارىغاندا، چاغاتايلار تارىخىدا يۈكسەكدەرىجىدە راۋاجلانغان بىر خانلىق ئىدى. بۇ چاغدا چاغاتاي ئەۋلادى ۋە ئۇنىڭتەركىبىدىكى دوغلات ھەم بىر بۆلۈك جوراس قاتارلىق بىر مۇنچە موڭغۇل قەبىلىلىرى تامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلاشقان ۋە مۇسۇلمانلاشقان بولۇپ، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكىجەمئىيەت دەل ئەنە شۇ ئۇيغۇر ... Read More »

ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى يارقىن نامايەندە ــــ ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا

ئۆرۈپ -ئادەت بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇردىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.شۇنداقلا ئۇ بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئۆرۈپ ئادەتنىڭ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرشىدىكى ئاسلىماتسىيەدىن ساقلاپ قىلىشتىكى رولىنى بىز ،مانجۇ ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى ياخشىراق كۈزەتسەكلا ئۆرۈپ ئادەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتەلەيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى مەزمۇنلار ،ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى .شانلىق مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىجادچىسى بولغان تۆھپىكار ئەجداتلىرىمىز تارىخىتىن بۇيان ... Read More »

Scroll To Top