تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئېلى مۇھەممەت تۇرپان مۇقامى _ شەرىقى شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۇرپان، پىچان، توقسۇن قاتارلىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. تۇرپان مۇقاملىرى _ راك مۇقامى، چەبىيات مۇقامى، كونا چەبىيات مۇقامى، مۇشاۋىرەك مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى، ئۇشاق مۇقامى، ناۋا مۇقامى، سابا مۇقامى، ئىراق مۇقامى، بايات مۇقامى ۋە ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر سەنئىتى
Feed Subscriptionيەكەن كاچۇڭ مەشرىپى
يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ. بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ... Read More »
ناۋا مۇقامى
ناۋا مۇقامى 21 نەغمە . چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3 “ناۋا”، “ئوششاق” دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ “مۇقام” نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار ... Read More »
مۇشاۋرەك مۇقامى
مۇشاۋرەك مۇقامى 31 نەغمە . چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6 “مۇشاۋىرەك” مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . “مۇشاۋرەك” سۆزىنى “مۇش + ئاب + راك ” دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى “مۇش” سۆزى ... Read More »
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ... Read More »
مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى
مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقان مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپلىق ئىش قىلسا ياكى بىرەر كىشى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ زىتىغا تىگىپ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ... Read More »
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى ... Read More »
لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى
لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن دۇنياغا داڭلىق لوپنۇر كۆلى ۋە قەدىمىقى غەربى يۇتقا ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن 36شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان كىروران خانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، لوپنۇرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. لوپنۇرلۇقلار تارىختىن ئوت-سۇ قوغلىشىپ ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ ئۆزىگە ... Read More »
گۇما كىلىياڭ مەشرىپى
گۇما كىلىياڭ مەشرىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى ... Read More »
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر. « كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » – قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- ... Read More »