چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر

Category Archives: خەۋەرلەر

Feed Subscription

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۆز تور بېتىدە ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. تەبرىكنامە ئېلان قىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر توربەتلىرىدە، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدە بەس – بەستە كۆچۈرۈلۈپ بېسىلىشدىن باشقا، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قول تېلېفونلىرىدىكى ئۈندىدار ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە تارقالدى. مۇخبىرىمىزغا مەزكۇر تەبرىكنامە ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۆز مەمنۇنىيىتىنى ... Read More »

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغنى

Read More »

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، يولدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى. 2013-يىلى 27-ئىيۇن. خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقان مەزگىلىدە بىر قاتار ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەپ تەكىتلەپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ناھايىتى كۈچەيتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى ھەدەپ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا باغلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ... Read More »

كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى

كانادا مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىگە يەر بەردى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كۆيدۈرۈلگەن ساقچى ماشىنىلىرى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن. 26-ئىيۇن تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇش كانادا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭرى يەر ئالدى. كانادادا چىقىدىغان خەلقئارالىق، دۆلەتلىك ۋە يەرلىك گېزىتلەردىن «يەر شارى ۋە مەكتۇپلار»، «دۆلەت پوچتىسى»، «تورونتو يۇلتۇزى»، «ۋانكۇۋېر ... Read More »

سامسۇڭ ئەقلىي يانفونلىرى ئالما يانفونىنىڭ بازىرىنى تارتىۋېلىشقا باشلىدى

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋىرى: سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقى (Samsung Electronics) نىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى ساپ پايدىسى تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ Galaxy مەھسۇلاتىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى سېتىشىنىڭ ئېشىشىدىن كەلگەن. كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭنىڭ ئەقلىي يانفونلىرى ئالما شىركىتىنىڭ بازىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تارتىۋېلىشقا باشلىغان. سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ساپ پايدىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى 5 تىرىلىئون 50 مىليارد كورىيە ۋونىدىن ... Read More »

تۈرك كېڭىشى مۇنبىرى يىغىنى باكۇدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىئسپوراغا مەسئۇل مىنىستىرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى مۇنبىرى يىغىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلدى. مۇنبەر يىغىنىغا 44 دۆلەتتىن 500 دىن كۆپرەك كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىئسپورا ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن تۈرك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خەلىل ئاقىنجىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ... Read More »

ئامېرىكا سۈرىيە دوكلاتى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەجلىس تەتقىقاتلار مەركىزى «سۈرىيەدە قوراللىق توقۇنۇشلار: ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ نارازىلىقى» نامى ئاستىدا دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويغان ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قوراللار ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ... Read More »

ئامېرىكىنىڭ غازى باغچىسى ۋەقەسىگە قارىتا باياناتى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 3-ئىيۇن خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، تاكسىم غازى باغچىسى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى، رېتىر خەۋەر ئاگېنتلىقى يەتكۈزگەن خەۋەرگە قارىغاندا جون كېررىي، غازى باغچىسى نامايىشلىرىغا مۇداخىلە قىلغان ساقچىلارنىڭ ئارتۇق كۈچ ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرگە كۈشكۈرتۈشلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. كېررىي ئارتۇق كۈچ ئىشلىتىشكە دائىر كەڭ دائىردە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ... Read More »

قازاقىستان نوپۇسى 17 مىليونغا يەتتى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 19-ئىيۇن خەۋىرى: قازاقىستان ستاتستىكا ئورگىنى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 17 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قازاقىستان دۆلەت ستاتستىكا ئىدارىسى باشلىقى ئەلىخان ئىسمائىلوۋ، يېقىنقى نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىغاندا قازاقىستاننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 17 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەلىخان ئىسمائىلوۋ، 2012-يىلى ماي ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىغاندا قازاقىستان نوپۇسى 16 مىليون 900 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئوتتۇرچە ئايلىق نوپۇسنىڭ 20 مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ... Read More »

ياپونىيە ھىندىستانغا ھەربىي ئايروپىلان ئېكسپورت قىلىدۇ

يەر شارى تورى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ياپونىيە ھىندىستانغا ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ھەربىي ئايروپىلان ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. بۇ ياپونىيىنىڭ قورال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەربىي قاتتىق دېتالى ئېكسپورت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. ياپونىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ كېلىشىم ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ... Read More »

Scroll To Top