چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە دېموكراتىك خىتايلار شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە جەم بولدى
ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە دېموكراتىك خىتايلار شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە جەم بولدى

ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە دېموكراتىك خىتايلار شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە جەم بولدى

 

«خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىن شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ خەلقئارا يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن باشقا تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا.

شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ «ئىستىقلال» مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ، گەرچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىبەت، موڭغۇل، ۋە خىتاي خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مىللەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن جەنۋەدە چاقىرىلغان بۇ يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئارقىدىن تىبەتلىك بىر ناخشىچى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا ئاتاپ يازغان ناخشىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى ماركو پېردۇكا ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش ھەممە ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە دېموكراتىيە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلانمىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىدىغان ھالغا ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن خارۋاتىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۋونىمىر سېپاروۋىچ ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، خارۋاتىيە خەلقىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر سەرگۈزەشتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مىللەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئوخشاش ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. خارۋاتىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۋونىمىر سېپاروۋىچ ئەپەندى نۇتقىدا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىنچلىق يوللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوئۇيىسا كوئان گرېۋە خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى ئۇيغۇرچە، تىبەتچە، موڭغۇلچە ۋە خىتايچە سالام بېرىش بىلەن باشلاپ، دېموكراتىيىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇستاچىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاي قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بېسىمى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇمغا قارشى تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشىشى كېرەك. بۇ پائالىيەتلەرنى ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاڭلىتىش كېرەك. مەن خىتايدا چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، خىتايدا ھاكىمىيەتكە كەلگەن يېڭى رەھبەرلەرنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن دۇنياغا يۈزلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خىتاي رەھبەرلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى بەرگەن ئاپتونومىيە ھەق-ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسا، ھازىرغىچە باشقا بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى. شۇڭا مەن خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ھېچ بولمىسا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشىنى ھەمدە خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى ئۆزگىرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇلرىچ دېلىئۇس ئەپەندى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسى رەئىسى تەمسەلتۇ ئەپەندى سۆز قىلدى. تەمسەلتۇ ئەپەندى نۇتقىدا خىتايغا قارشى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ خىل يىغىنلاردا تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش ھەققىدە كونكرېت مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لوساڭ ئەپەندى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گۇمران بولۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتقان دەرتلىرىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىمىز؟ دېگەن مەسىلىلەرنى بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە مىللەتلەر، دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ غەزەپ-نەپرەتتىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ يىغىندا بۇ غەزەپ-نەپرەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامىللار ھەققىدە كونكرېت مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دېموكراتىك خىتاي فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى شېڭ يۈئې خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ئالدى بىلەن خىتايدىكى ئېزىلگەن خەلقلەرنى قورقۇتىدىغان تۈزۈمى-كوممۇنىست تۈزۈمىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى مارىئەتجە سچېئاتكە خانىمنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىپ ئەۋەتكەن تەبرىك فىلىمى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن ياپونىيىنىڭ 3 مىنىستىرى بىلەن 2 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلاشماقچى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى مۇتەخەسسىسلىرىگە ۇزاتتۇق.

 

 

 

Leave a Reply

Scroll To Top