چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكىنى ئۆز تور بېتىدە ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. تەبرىكنامە ئېلان قىلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر توربەتلىرىدە، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدە بەس – بەستە كۆچۈرۈلۈپ بېسىلىشدىن باشقا، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قول تېلېفونلىرىدىكى ئۈندىدار ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە تارقالدى.

مۇخبىرىمىزغا مەزكۇر تەبرىكنامە ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئۆز مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ تەبرىكنامىنىڭ نۆۋەتتە رامىزاننى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىغە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسەللىي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

بىز بۈگۈن بۇ تىمىدا دىنىي زات ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار «سىز، ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكنامىسىنى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرگىنىڭىزدە نېمىنى ئويلىدىڭىز ۋە ھېس قىلدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا تۆۋەندىكىلەرچە جاۋابلارنى بەردى:

ئەيسا ساۋۇت : مەن بۇ تەبرىكنامىنى ئوقۇغىنىمدا ئالدى بىلەن تەسىر قىلغىنى، ئوبامانىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئوخشىمىغان دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشاش قۇچاق ئېچىشى، پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي زالىملىرىنىڭ دىنىي زۇلۇملىرىغا ئۇچرىغان ۋە ئۇچرىغانلارغا شاھىد بولغان بىرىمەن.

مۇخبىر: دېمەك، تەبرىكنامىنى ئوقۇش بىلەن تەبىئىي ھالدا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا بىر سىلىشتۇرما ئەقلىڭىزگە كەلدى؟

ئەيسا ساۋۇت: شۇنداق. يەنە تەسىرلەنگىنىم، ئوباما ئاقسارايدا مۇسۇلمانلارغا ئىپتار بېرىپتۇ؛ بىز، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت سارايلىرىغا ئىپتارغا بېرىش ئەمەس، يېنىدىن ئۆتۈشمۇ مۈمكىنسىز ھەم بىر جىنايەت.

مۇخبىر: تەبرىكنامىدا سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان سۆزلەر قايسى؟

ئەيسا ساۋۇت: ئادالەت ۋە ئەركىنلىك. ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى.

مۇخبىر: سىز تەبرىكنامىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلىشىدا، ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىۋاتقان بىر سىگنال بار دەپ قارامسىز؟ قارىسىڭىز بۇ سىگنال نېمە؟

ئەيسا ساۋۇت: بۇ سىگنال، دۇنيا جامائەتچىلىكى، جۈملىدىن ئامېرىكا، زالىمنىڭ يېنىدا ئەمەس، مەزلۇمنىڭ يېنىدا دېگەندىن ئىبارەت.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى: ئوبامانىڭ رامىزان تەبرىكنامىسنى ئوقۇپ خۇش بولدۇم. مانا بۇ، دۇنيادا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈم ھەرىكەت قىلىدىغان بىر سىياسىي رەھبەر ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. تەبرىكنامىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى تېخىمۇ ئۇلۇغ ئىش. بۇ مېنى ۋە خەلقىمىزنى سۈيۈندۈردى.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، تەبرىكنامىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگىمۇ؟

ئابدۇلئەزىز: ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتاي بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندىكى ھەرقانداق بىر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا باغلاۋاتىدۇ؛ مۇسۇلمانلارغا قارشى توختىماي قارىلاش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ؛ خەلقىمىزگە قارشى باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ مانا بۇ ۋەزىيەتتە خەلقىمىز، بۇ تەبرىكنامىدىن بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بىرئاز تەسەللي تاپىدۇ.

مۇخبىر: تەبرىكنامە ئومۇمى ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىنغان، مەخسۇس ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان ئەمەس؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سىز ۋە باشقىلار، بۇ تەبرىكنامىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويۇلۇشىدىن بۇ دەرىجىدە سۈيۈنۈپ كېتىدۇ؟

ئابدۇلئەزىز: چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىشتىن باشقا ئىشنى قىلمايۋاتىدۇ؛ بىزگە دىنداش بولغان پاكىستان؛ قانداش بولغان قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەر خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قىلىنغان كىچىككىنە بىر ئىش، يىراق بىر جۇغراپىيەددىكى، باشقا بىر دىندىكى خەلقنىڭ دۆلىتى تەرىپىدىن قىلىنغاچقا خۇددى قاپ – قاراڭغۇ ئۆيدە چاقنىغان كىچىككىنە چېقىلداق (ئوت ئۇچقۇنى) مۇ يورۇقلۇقتەك كۆرۈنگىنىدەك، بىزگە تەسىر قىلىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىزچە، ئۇيغۇر خەلقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ ۋە كۈتكىنىگە ئېرىشەلەۋاتامدۇ؟

ئابدۇلئەزىز: بىز مۇسۇلمان قەۋم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەقدىرىمىزنى ئاللاھغا باغلايمىز، ئەڭ چوڭ ياردەمنى ئاللاھتىن كۈتىمىز؛ ئەمما ئاللاھنىڭ دۇنيانى يارىتىش قانۇنىيەتلىرى بويىچە تەقدىرىمىزگە سەۋەب ئىزدەيمىز؛ بولۇپمۇ ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئادالەتلىك دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەردىن ياردەم كۈتىمىز. شۇڭا خەلقىمىز دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن، جۇملىدىن ئامېرىكىدىنمۇ ئۈمىد كۈتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەرگە بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى خەلقىمىزنى خۇشال قىلدى. چۈنكى، چوڭ ھەرىكەت خاراكتېرلىك بىر ياردەمدە بولمىسىمۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قىلغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، باياناتلىرى ئارقىلىق ھېسسىيات جەھەتتىن بولسىمۇ ھەقىقەت تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، خەلقىمىزنىڭ ئۇمىدىنى يەردە قويمىدى. شۇڭا بىز بۇنىڭدىن مىننەتدار.

نۇر مەمەت مۇساباي: تەبرىكنامىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنىشىدىن خۇش بولدۇق. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تەبرىكنامىسىنى بۇ قەستكە ئۇچراۋاتقان تىلدا ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا دىنىي چەكلىمىلەرگە ئېغىر ئۇچراۋاتقان كۇنلىرىدە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا مەنىلىك بىر ئىش. بۇنىڭدىن، شۇ تىل ئىگىسى ۋە تىلغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان دۆلەت دەرس ئالىدۇ ۋە ئېلىشى كېرەك.

مۇخبىر: ئامېرىكا يېقىندا مارالبېشىدىكى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن پىچاندىكى لۈكچۈن ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر بايان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ يېقىنقى ۋەقەلەردىكى باياناتلىرىنى بىر – بىرىگە باغلاپ چۈشەنسەك، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللاش پوزىتسىيەسىدە ئىلگىرىلەش بار دېيىشكە بولامدۇ، ياكى بۇنداق دېسە كۆپتۈرۈۋەتكەن بولامدۇ؟

نۇرمەمەت مۇساباي: ئامېرىكا يېقىنقى ۋەقەلەردە ئۇيغۇر تەرەپتە تۇردى دېگەندىن ھەقىقانىيەت تەرەپتە تۇردى دېگىنىمىز ئەڭ ياخشى. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت، قۇدرەتلىك دولەت بولۇشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەسئۇلىيىتى بار؛ شۇڭا دۇنيادىكى مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىن ئۇمىد كۈتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق. بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشىنى، خىتاينىڭ زۇلۇمنى توختىتىشى ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە:  RFA

Leave a Reply

Scroll To Top