پىچان مېلىس مەشىرىپى 1848 – يىلى لۈكچۈن ۋاڭى ئەفىردۇن بىر قېتىملىق يۇرت كېزىش سەپىرىدە تاسادىپى پىچان ياشلىرىنىڭ مېلىس مەشىرىپىگە قاتنىشىپ قىلىپ، مەشرەپتىكى ئېسىل خەلق ناخشا-سازلىرى ئورۇندىغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنى تارتۇقلايدۇ، ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدۇن بىلەن ئۇچىرشىپ، ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ھەيران قالىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا يۆتكەپ كېتىدۇ . مەشرەپتە يوقارقى ۋەقەدىن باشقا يەنە مارجان بىلەن، ... Read More »
Author Archives: ئاتامان
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى ... Read More »
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ... Read More »
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر. « كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » – قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- ... Read More »
قۇمۇل ئوردا مەشرىپى
قۇمۇل ئوردا مەشرىپى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مىللىي خاسلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق، ئەڭ رەڭدار ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرى. قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باي، مەزمۇنلۇق، جانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە خەلق سەنئىتىدۇر. قۇمۇل مەشرەپلىرى قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە ... Read More »
قۇمۇل كۆك مەشرىپى
قۇمۇل كۆك مەشرىپى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھەم يەرلىك تۈسكە ھەم دۇنياۋى روھقا ئىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنساناپ ئىجتىمائىيلاشقان بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئۆزگىچىلىككە ئىگە «قۇمۇل كۆك مەشرىپى» دۇر. «قۇمۇل كۆك مەشرپى» تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى. شۇڭا ... Read More »
يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى
يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى « كاچۇڭ مەشرىپى » قارا قۇرۇم باغرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەسىر- ئەسىرلەردىن بۇيان قانماي ئويناپ كېلىۋاتقان تىرىك، ئەنئەنىۋىي سەنئەت مىراسىدۇ. بىر يۈز بەش نەغمە، ئىككى مىڭ بىر يۈز مىسرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز يۈرۈش چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق بىرىكمە گەۋدىدىن تەركىب تاپقان كاچۇڭ مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ شاش، مەردانە تەلقىنلىرىدىن ھېلىمۇ « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » دەۋرىدىكى يىراق قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىدى كېلىدۇ. ... Read More »
كەلپىن ئودىكام مەشرىپى
كەلپىن ئودىكام مەشرىپى كەلپىن ناھىيسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال چېىتىگە، قىرتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈك بىلەن بوستانلىقنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت ئەتىراپى تاقىر تاغلار بىلەن قورشالغان قەدىمىي يۇرت. ئەزەلدىن قويۇق ئەپسانە-رىۋايەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان كەلپىنلىكلەر ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ماددىي ئىستىمالغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن مەنىۋىي تۇرمۇشقا بولغان قانماس ئاشنالىقىنى ئىپادىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇقەددەس بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر ... Read More »
گۇما كىلىياڭ مەشرىپى
گۇما كىلىياڭ مەشرىپى ۋەتىنىمزنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قارا قۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك مۇھىت ۋە دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن ئارلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى ياراتقان. ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلىياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي كارۋان يولى لاداخ يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل ... Read More »
بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى
بۆرتالا بوزقىر مەشرىپى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان بۆرتالا دالاسىدا ئەجداتلىرىمىز تاغدىن-تاغلارغا، يايلاقتىن-يايلاققا، بوز قىرلاردىن ئېتىز-باغلارغا كۆچۈپ ئاي-يۇلتۇز ئاق بۇلۇتلارنى يېپىنچا، مەخمەلدەك تۇپراقنى پايانداز زىلچا قىلىپ، ئات چاپتۇرۇپ، يىلقا قوي-پادىلىرىنى ئاۋۇندۇرۇپ يۇرت ئېچىپ كەلگەن ئىدى. بورتالا دەل ئەنە شۇ يىراق ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بوز قىر مەشرىپى داۋاملىشىپ كەلگەن، شىمالىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر بولغان سايرام كۆلى بويىدىكى مۇنبەت يايلاققا جايلاشقان جەنۇب-شىمال مەدەنىيىتى ئۇچىراشقان ... Read More »