چاقماق خەۋەر
Home 20 Author Archives: ئاتامان (page 7)

Author Archives: ئاتامان

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گوللاندىيەدە جۇلالىدى

31- ماي ئۇيغۇرلار گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئەيسا قارىم يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، مەزكۇر يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يەرمەنكىگە ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 3 يىلدىن بىرى ئۇدا قاتنىشىپ كەلمەكتە.     مەنبە:  RFA Read More »

تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مىللىي مەپكۈرە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى

كاندىدات ئالىي مۇھەررىر  ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر  (تۈركىي تىللار دىۋانى ) تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دىۋان دېيىلىدۇ ( تەتقىقاتى ھەققىدىكى ھازىرقى زامان دىۋانشۇناسلىقى 1904 ‏- يىلى ۋىنگىرىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دىۋان ھەققىدىكى ماقالىدىن باشلىساق 100 يىلدىن ئاشتى . بروككېلمان قاتارلىق گىرمان ئالىملىرى ، بېسىم ئاتالاي قاتارلىق تۈركىيە ئالىملىرى بۇ ھەقتە گىرمانچە، تۈركچە، ئەنگلىزچە ، ۋىنگىرچە ۋە رۇسچە كىتاب ، ... Read More »

ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى

ئوتتۇرا ئەسىردە قەشقەر مەركەز قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى ئۇرخۇن، شامان ۋە مانى دەۋرى (552 – 844 – يىللار)، ئىدىقۇت مائارىپى دەۋرى (850 – 1250 – يىللار) ۋە بۇددىزم مائارىپى دەۋرى (75 – 992 – يىللار) جەريانلىرىدىن ئۆتۇپ، كېيىن قەشقەر مەركەز قىلىنغان قاراخانىلارنىڭ ئىسلامىيەت مائارىپى دەۋرى (870 – 1211 – يىللار) غا قەدەم قويدى. بۇ دەۋردىكى مائارىپ ئۇيغۇر كلاسسىك ... Read More »

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە « ئۈچ ئەڭگۈشتەر »

1901 – يىل 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تاڭ سەھەردە، تۇرپان يېڭىشەھەردىكى ئاۋات سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بىر كوچىدا، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ بوۋاق كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر يېڭى دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر، تىز پۈكمەس مەرىپەتچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نادانلىق، خۇراپاتلىق، جاھالەت قاپلىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خۇددى زۇلمەت كېچىدە ... Read More »

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزاھەتلەر

  ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى   ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى   مۇھىم مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش قائىدە ئاساسىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنى تەتقىق قىلىش، توپلاش ۋە رەتلەپ لۇغەتلىرىمىزگە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلىرى ئوزايىدىن، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ... Read More »

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى ئاپتور: ئابلەت كامالوف (تارىخ پەنلىرى دوكتورى) ئۇيغۇر خەلق  ئوتتۇرا ئەسىرلەردە قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە شىمالىي موڭغۇلىيىنى (ئورخۇن ۋە سېلېنگا ۋادىسى) مەركەز قىلغان ھالدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر قاغانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (744 – 840) ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىقاتچىلار ئاساسەن يازما ۋە ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى ئاساسىدا تىكلەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، يازما يادىكارلىقلارنىڭ ... Read More »

مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى

مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئابدۇللا مەتقۇربان 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ، بولۇپمۇ ئەدەبىي تەنقىد ساھەسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىشچان باغۋىنى مۇھەممەت پولاتنىڭ نامى بىلەن باغلىنىدۇ . مۇھەممەت پولات ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مۇھەببەت ۋە ھارارىتىنى ، ئىجادىي مېھنەت ۋە ئىزدىنىشلىرىنى ، مول بىلىم ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە بېغىشلىدى . بۇ ساھەدە ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇيغۇر تىلى دېگەن بۇ سۆز ئېيتماققا ۋە يازماققا تولىمۇ ئاددىي ۋە قىسقا. ئەمما مەنە، خاراكتېر ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۆز « ئۇيغۇر» سۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى ئۇيغۇر بولمىسا ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىل قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بولمىسا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈرك تىل تارمىقىغا تەۋە ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر

غالىب بارات ئەرك ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققى قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ 1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تېنچلىق بولمىغان تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمىيەتكە ... Read More »

«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا 1. ئامېرىكىدا كىم “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟ «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدائۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى ... Read More »

Scroll To Top