چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

 

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

باش كىيىم
ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك شەرت-شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە، باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ.
ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا، ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

تۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالۇتۇن دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان باسقان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

تەلپەك پەقەت كېرىيە ئاياللىرىغىلا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايونلارغا ئاساسەن تارقالمىغان. كىرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە «كېرىيە ئاياللىرىنىڭ پەرەنجىسى ۋە تەلپىكى» ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە. كېرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىيامېتىرى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىيامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» بولغان كۈندىن ئېتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى«جۇۋانلىق دەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى» دېيىشكە بولىدۇ.

پوتا باغلاش ۋە

ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىگە چۈمبەل تارتىش ياكى باش ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئوراش ئادىتى، ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان.

ئەرلەر كىيىملىرى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال – بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ(بۇ ئادەتنىڭ ئىلمىيىلىكى تۆۋەن، ساقال – بۇرۇت ئەرنىڭ يارىشىقى، نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ساقال – بۇرتىغا بەك كېچىكىپ تىغ تەگكۈزگەچكە، ساقال – بۇرۇت تۇلۇقى بىلەن چىقماي كوسا بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ). بېلىگە قىزىل، ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ، «چاشقان بۇرۇت» قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ، ئۆتۈك كىيىدۇ. خوتۇنىنى قويىۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر، بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ، بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى. ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر، كىچىك «كەركە ساقال» (بودەك ساقالمۇ دېيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا، بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنى تۇتاشتۇرىدىغان «نۇقتىلىق ساقال» قويىدۇ ھەم داقال (ئاستى كالپۇك تۈكى) نى قويىۋىتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا، ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ. ياشانغان ئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ. تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ. ئومۇمەن، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا، ئامما ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قالىدۇ. «سۆز كۆرىكى-ماقال، ئەر كۆرىكى-ساقال» دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكە قارىتىلغان. يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە قاراپ، ئەرلەرنىڭ ياش ئۆلچىمى، تۇرمۇش ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ.

(ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتار قاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.)

Comments are closed.

Scroll To Top