چاقماق خەۋەر

ئۈگرە

ئۈگرە

[خۇرۇچى] ئاق ئۇن200گرام،ياڭيۇ ئىككى باش،لوق ياكى سۆڭەكلىك گۆش175گرام،قارىمۇچ ئازراق،پالەك ئىككى تۈپ،يۇمغاقسۈت ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،پىننە ئازراق،پەمىدۇر ئىككى تال،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
[ئېتىش ئۇسۇلى] 1.ئاش خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ،نوغۇچتا نېپىز يېيىپ،كەڭلىكى بىر تال سەرەڭگىچىلىك قىلىپ ئۈگرە كېسىپ،كېسىلگەن ئۈگرىگە ئۇن سېپىپ قۇيىمىز.
2.گۆشنى توغراپ دورا-دەرمەك،سۇڭپىياز،پەمىدۇرلار بىلەن قورۇپ،سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز
گۆش پىشقاندا،ئۇششاقراق توغرالغان ياڭيۇنى سېلىپ،شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ،يەنە10مىنۇتچە قاينىتىمىز.ئاندىن ئۈگرىنىڭ ئۇنلىرىنى قېقىۋىتىپ قازانغانغا سالىمىز.ئۇيغۇرلاردا<ئۈگرە ئۆرۈلسە پېشىدۇ،چۆپ چۆرگىلىسە>دېگەن تەمسىل بار.ئۈگرە قايناپ چىققاندىن كىيىن ئۈستىگە پىننە ياكى يۇمغاقسۈتنى سېپىپ قاچىلارغا ئۇسىمىز.ئاچچىقسۇ،ياغ لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى] سۈيى سۈزۈك،رەڭدار،سۇيۇق-سەلەڭ بولۇپ،ئىشتىھانى قوزغايدۇ.

 

مەنبە:ئۇيغۇرتائاملىرى

 

Comments are closed.

Scroll To Top