كۆك چۆچۈرىسى
ئېتىش ئۇسۇلى ؛
1. كۆكنى پاكىز ئادالاپ ، قايتا- قايتا يۇيۇپ ، چاناپ يۇمشىتىمىز ، . ئاندىن ئازراق ماي چۈچۈتۈپ چالا قورۇۋېتىمىز ياكى بولمىسا سۈيىنى سىقىۋېتىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ .
2. قۇيرۇق ياغنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ ، ئۇنىڭغا سوقۇپ تەييارلانغان كۆكنى ، سۇ يېغى ، كاۋاۋېچىننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز . قۇيرۇق ياغنىڭ ئورنىغا قازاندا قورۇۋېتىلگەن تۇخۇم ئارىلاشتۇرساقمۇ بولىدۇ .
3 . خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ ، نىپىز يېيىپ بەش سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ( كۋادرات شەكلىدە ) جىلىت كىسىپ ، ھەر بىر جىلىتنىڭ ئىچىگە ئاز- ئازدىن قىيما سېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلايمىز.
4 .سۇ قاينىغاندا تۈگۈلگەن چۆچۈرىلەرنى بىر- بىرلەپ قازانغا سېلىپ ، قايناپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ ئون مىنۇت پىشۇرۇپ تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەخسىلەرگە سۈزۈپ ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز ( چۆچۈرىنى ئاچچىقسۇ ، لازىغا تۆكۈرۈپ يىسىمۇ بولىدۇ ) .
قېنى ئەمسە، مۇنبەردىكى ئەزىزلەر مەرھەمەت ، كۆك چۆچۈرىسىگە ئېغىز تىگەيلى …
كۆك چۆچۈرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ؛ ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ ، يېڭى قان پەيدا قىلىدۇ ، سالامەتلىككە پايدىلىق .
مەنبە:ئۇيغۇرتائاملىرى