كۆممە كاۋاپ
ئىككى ياشلىق قوي ياكى ئوغلاق بىر دانە، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زىرە مۇۋاپىق، سامساق بىر باش.
1. قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشىنى پاكىز يۇيىلىدۇ. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىككىنە كېسىپ ئېغىز ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ يۇيىلىدۇ، ئاندىن قىزىق سۇغا سېلىپ، قېرىننىڭ ئىچىدىكى تىۋىتىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىچى ۋە تېشىنى تۇز، شولتا سۈيى بىلەن يۇيۇپ، شىلىشملىق پەردىنى تازىلىۋېتىپ، ئوڭ ئۆرۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. قوينىڭ گۆشىنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زىرە ۋە كاۋاۋىچىن توغرالغان سامساق، پىياز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى تەييارلانغان قېرىنغا سېلىپ قېرىننىڭ ئاغزىنى بوغۇپ، دوخاپكا ياكى قاسقانغا سېلىپ، 2-3 سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. لېكىن ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۆرۈپ ئۈستىگە سۇ سېپىپ، يىڭنە سانجىپ ئۆرۈش كېرەك. بۇ تاماق بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا گۈلخاننىڭ قوقاسلىرىغا كۆمۈپ پىشۇرۇلاتتى. شۇڭا <كۆممە كاۋاپ> دېيىلگەن. ھازىر دوخاپكا ياكى قاسقاندا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كۆممە كاۋاپنىڭ شورپىسىنى ئايرىم قاچىلارغا قۇيۇپ، گۆشنى لېگەنگە سېلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.