چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ياغلىق توقاچ

ياغلىق توقاچ

ياغلىق توقاچ

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇ يېغى (قوي يېغى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئىسسىق سۈتكە تۇز قۇيىمىز. خېمىرتۇرۇچنى يۇمشىتىمىز. ئۇلارنى ئۇنغا سېلىپ ۋە داغلانغان سۇ يېغىنى قۇيۇپ يۇغۇرىمىز. خېمىر بولغاندىن كېيىن 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ توقاچ ياساپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى تاغاق بىلەن گۈل چېكىپ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ، يۈزىگە داستىخان يېپىپ 10 – 15 مىنۇت تىندۈرۇلىدۇ.
2. تونۇرنى قىزىتىش، ناننى يېقىش، پىشۇرۇش گىردە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. نان پىشقاندىن كېيىن قىزىق ۋاقتىدا يۈزىگە ئېرىتمىگەن قۇيرۇق ياغنى سۈركەپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر – بىرىگە يېقىپ شامالدىتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇرتائاملىرى

Comments are closed.

Scroll To Top