ئۇيـغۇرلارنىـڭ ھـېيت-بايـرام ئادەتـلىرى
ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كىيىن، بۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە بايراملار بارلىققا كەلدى. رۇزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت شۇنىڭ جۇملىسىدىندۇر. بۇ بايراملارنىڭ دىنى تۇسى ئاستا- ئاستا ئاجىزلاپ، بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە ئەنئەنىۋى مىللى بايرامغا ئايلىنىپ كەتتى. زامانلارنىڭ ئۇتۇشى بىلەن بۇ بايراملارغا دائىر بىر مۇنچە ئادەت قائىدە يۇسۇنلار شەكىللەنگەن.
قۇربان ھېيىت يېقىنلاپ قالغانلىقتىن قۇربان ھېيىتتىن باشلايلى.
قۇربان ھېيىت- ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەڭ زور ئەنئەنىۋى بايرىمى بۇلۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، قۇربانلىق قىلىش ئادىتى مىلادىدىن ئىگىركى 12- ئەسردە ياشىغان پەيخەمبەرئىبرايىمنىڭ ئۆز ئوغلى ئىسمايىلنى مىنا تېغىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاللاغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۇرۇشتىن كەلگەن. قۇربانلىق قىلىش ھىجىرىيە كالىندارى بۇيىچە زۇلھەججەنىڭ ئونىنجى كۇنى بۇلىدۇ. شۇ كۈنى كىشىلەر جامەگە يىغىلىپ ھېيىت نامىزى ئۆتەيدۇ. نامازدىن كىيىن ئۆيلىرىگە قايتىشىپ، قۇربانلىق ئۈچۇن ھازىرلىغان ماللىرىنى سويىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قۇلۇم- قوشنا، ئۇرۇق- تۇققان، ئەل- ئاغىنىلەر ئۆز- ھېيىتلىشىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ھېيىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن. مەسلەن:
1- ھېيىتتىن بۇرۇن چوڭ تازىلىق قىلىنىدۇ. ئۆينىڭ تام- تورۇسلىرىنى سۇپۇرۇپ، ئۆينى تازىلايدۇ. زۇرۇر تېپىلغاندا ئۆينى ھاك بىلەن ئاقارتىدۇ، كىر يۇيىدۇ. ئائىلىنىڭ چوڭ- كىچىك ئەزالىرى يۇيۇنۇپ تارىنىدۇ.
2- ئائىلە ئەزالىرى ھېيىتلىق بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ. بۇلۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بىرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قۇيىدۇ.
3- ئاياللار ھېيىتتىن بۇرۇن ھېيىت ئۈچۇن ساڭزا، قېيىقچە ۋە تۇرلۇك پىچىنە پىرەنىك قاتارلىقلارنى پىشۇرىدۇ. ھېيىت كۇنى داستىخان ناھايىتى مول راسلىنىدۇ.
4- ئۇرۇق- تۇققانلار ھېيىتلاپ كەلسە، كىچىك بالىلارغا ھېيىتلىق پۇل تۇتقۇزۇپ قۇيىدۇ.
5- ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۇن جامەگە بارغۇچىلار غېرىپ غۇرۋالارغا ئالاھىدە سادىغا بېرىدۇ. شۇنداقلا بايلار رامزان ئېيىدا ئۆز تەئەللۇقاتىنىڭ قىرىقتىن بىرىنى ئايرىپ، كەمبەغەللەرگە زاكات بىرىدۇ.
6- ھېيىت- بايراملارنىڭ ئەڭ ئىسىل خاسىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇرۇق- تۇققان، ئەل- ئاغىنە ۋە قۇلۇم – قوشنىلار ئارىسىدا ئارازلىشىپ يۇرگىچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر- بىرىنىڭ ئائىلىسىگە ھېيىتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشى بۇلۇشۇپ قالىدۇ.
7- ھېيىتتا ئاياللار مېھمان كۈتۇش بىلەن بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ھېيىتلاپ بارالمىغانلىقى ئۇچۇن ئۈچ كۇن ھېيىت تۇگىگەندىن كىيىن، ئاياللار ئارا ھېيىتلىشىش باشلىنىپ كىتىدۇ ۋە ھېيىت چېيى ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇچاي ھېيىت چېيى تۇگىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.