قوۋۇرغا كاۋاپ كىچىك پاقلانلارنىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام، تۇخۇم ئىككى دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق. 1. قوۋۇرغا گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى توغراپ، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى پىياز سۈيى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 2. دوخاپكىنى قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى لېسقا تىزىپ دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. قوۋۇرغا گۆش پىشقاندىن كېيىن ... Read More »
Author Archives: admin
قولداما
قولداما ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 200 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، پىششىق ياغ ئازراق، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال. خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ، ئاندىن پىلتىنى ياپىلاق لەڭمەننىڭكىدەك تەييارلاپ، قاقتەك چوڭلۇقتا كېسىپ، ھەربىر ... Read More »
قورۇما چۆپ
قورۇما چۆپ ئادەتتە خېمىرنىڭ شەكلىگە قاراپ ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى پىلتە لەڭمەنگە ئوخشاش خېمىرىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كەسىپ كۆكتات ۋە گۆش بىلەن قورىلىدۇ، يانا بىرسى خېمىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئېتىلگەن سۇيقاشقا ئوخشاش خېمىرنى قولدا ئۈزۈپ قازانغا سەلىپ پىشۇرۇپ ئاندىن كۆكتات ۋە گوش بىلەن قورىلىدۇ. تۆۋەندە خېمىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ پىشۇرۇلىدىغان قورۇما چۆپ نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. ماتېرىيال (4 كىشىلىك) ئۇن 500 گىرام( لەڭمەننىڭ ئۇنىغا ... Read More »
قورداق
قورداق خۇرۇچى قوي ياكى كالا گۆشى بىر كلوگرام،كاۋاۋىچىن ئازراق، ئەبجەش ياغ 105گرام،زەنجىۋىل ئازراق،ياڭيۇ 500گرام،كۆك ياكى قىزىل لازا ئىككى تال،سەۋزە ياكى تۇرۇپ 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پەمىدۇر ئىككى تال ،جاڭيۇ ئازراق ،پىياز بىر باش ،يۇمغاقسۈت ئازراق. قورۇش ئۇسۇلى 1.گۆش سۆڭىكى بىلەن توغرىلىدۇ.كىچىك ياڭيۇ ئىككى پارچە ،چوڭلىرى تۆت پارچە سەراڭگە قېپىدەك پارچىلىنىدۇ.سەۋزە ياكى تۇرۇپ پىياز،لازا پەمىدۇرلارنى چوڭ چوڭ يۇمغاقسۈت ئۇششاق توغرىلىدۇ 2.قازانغا ياغ قۇيۇپ ... Read More »
قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى
قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى «كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، ... Read More »
1. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
1. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى(ئورخۇن دەۋرى ئۇيغۇر تىلى) قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەنى ئورخۇن دەۋرى ئۇيغۇر تىلى 9 - ئەسىرلەردە ئورخۇن ۋە يېنسەي دەريالىرى ئەتراپىدا ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشلاردا ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان بىر قىسىم يازما يادىكارلىقلاردا ئورخۇن يېزىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن يازما ئەدەبىي تىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن يازما يادىكارلىقلاردىن تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، كۆلتېكىن مەڭگۈ ... Read More »
قانقىل دۆلىتى
قانقىل دۆلىتى (مىلادى 487-541-يىللىرى ) مىلادى 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ۋادىسى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ھەمدە تۇرپان تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دۆلىتى، يەنى قانقىل دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قانقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ 5-6-ئەسىرلەردىكى بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خەنزۇلار ئۇلارنىڭ ئېگىز ھارۋىلارنى قاتناش قوراللىرى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، << گاۋچې>> يەنى ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتىغان ئىدى. 5-6-ئەسىرلەردىكى قانقىل قەبىلىلىرى ... Read More »
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ ياشايدىغان ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان مەملىكەت. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرنى بۇ مەملىكەتنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر پۇقرالىرى ھېسابلاپ، قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشتى، قازاق خەلقىنى ئۆز قان-قېرىنداشلىرى تەرىقىسىدە كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇلماس دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق ئەنەنىۋى مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نۆۋەتتە، قازاقىستان ... Read More »
قاراخانىيلار سۇلالىسى
( 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى-1212-يىللىرى) قاراخانىيلار سۇلالىسى دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تۈرك دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭەيتكەن قۇدرەتلىك ئىسلامىي دۆلەتتۇر. قاراخانىيلار سۇلالىسى 840-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر، تارىم ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىدا ئەسلىدىن ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان ئىدى. قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساس بولغان ... Read More »
شويلا
شويلا خۇرۇچى گۈرۈچ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، ياغ 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئېتىش ئۇسۇلى 1. گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق، پەمىدۇر چوڭ – چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ. گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا 3-2 قېتىم يۇيۇلىدۇ 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە ... Read More »