چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر تارىخى 20 قاراخانىيلار سۇلالىسى

قاراخانىيلار سۇلالىسى

 ( 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى-1212-يىللىرى)

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تۈرك دۆلەتلىرى ئىچىدە  تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭەيتكەن  قۇدرەتلىك ئىسلامىي دۆلەتتۇر.

قاراخانىيلار سۇلالىسى 840-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر، تارىم ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىدا ئەسلىدىن ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان  ئىدى.

قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساس بولغان ئامىل شۇكى، مىلادى 756-يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان قارلۇق قەبىلىلىرى  مويۇنچۇر قاغان بىلەن ئۇرۇشۇپ، غەرب تەرەپكە كۆچۈپ، ھازىرقى تەڭرى تاغ، ئىسسىق كۆل ۋە چۇ دەريا ۋادىلىرى ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان . گەرچە قارلۇقلار بۇ جايلاردا ياشىسىمۇ ، ئەمما ئورخۇن قالغانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلىغان بولۇپ، قارلۇقلار ئەمەلىيەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر قىلغانلىقىغا بويسۇناتتى، ھەمدە  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان ئىدى. مىلادى 821-824-يىللىرى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچى يەنە ئىسسىق كۆل بويلىرى ۋە پەرغانە ۋادىسىغىچە  يېتىپ كېلىپ، قاغانلىقىنىڭ دائىرىسى بۇرۇنقىدىن يەنە كېڭەيدى.  بۇ ھال ئورخۇندىكى مەركىزى خاندانلىق يىقىلغاندىن  كېيىن ،يايلاق رايونىدىكى قەبىلىلەرنىڭ تارىم ۋادىسى، ئىسسىق كۆل ، چۇ دەرياسى ۋادىلىرى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇر-تۈركى قەبرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ،  قەدەممۇ-قەدەم قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.

ھازىرغىچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قايسى تۈركىي قەبىلە باش بولۇپ قۇرغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق، ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلار، قارلۇقلار، ياغمىلار ،چىگىللار قۇرغان دېگەن قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ  خاندانلىقنى قۇرغۇچى قەبىلە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.

قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلغان يىلى ھەققىدىمۇ ھەر خىل قاراش مەۋجۇت، بەزى ئالىملار، مىلادى 840-يىلى، غەربكە كۆچكەن  پان تېكىنىڭ بۇ خاندانلىقىنى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ، يەنە بەزى  ئالىملار، مىلادى 893-يىلى، ئوغۇلچاقنىڭ قاراخانىيلارنىڭ تۇنجى قاغانى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچى قاغانى كۈل بىلگە قادىرخان بولۇپ، ئۇنىڭ  ئىككى ئوغلى بولغان. ئۇلارنىڭ بىرى بازىر ئارسلان خان (ن 893-920)، يەنە بىرى ئوغۇلچاق ئارسلان خان ( 893-940) ئىدى.  قاراخانىيلار ئىككى پايتەخت بېكىتكەن بولۇپ، ئارسلان خان، يەنى چوڭ خان قەشقەردە تۇراتتى، قەدەر ئوردا كەنت دەپ ئاتالغان، كىچىك خانا بالاساغۇندا تۇراتتى.

مىلادى 932-يىلى سۇلتان ساتۇق دەۋرىگە كەلگەندە ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئابدۇلكېرىم ئىسمىنى قوللاندى شۇنىڭدەك قاراخانىلار شەۋكەتلىك دەۋرىگە كىرىشكە باشلىدى. مىلادى  958-970-يىللىرى مۇسا سۇلايمان ئىبنى ئابدۇكېرىم  خان دەۋرىدە ئۇ  ئارسلانخان نامىنى قوبۇل قىلدى ۋە پۈتۈن قاراخانىيلار ئاھالىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىپ، سامانىيلار بىلەن  قاراخانىيلار ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتىن كېيىن 999-يىلى، سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.

مىلادى 1009-يىلى، خوتەن بويسۇندۇرۇلدى، نەتىجىدە قاراخانىيلار تېررىتورىيىسى ئى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، تارىم ھەم ئىلى ۋادىلىرىغىچە كېڭەيدى.

مىلادى 1040-يىلى قاراخانىيلار ئىككىگە بۆلىنىپ شەرقى ۋە غەربىي قاراخانىيلار دەپ ئاتالدى، شەرقى قاراخانىيلار قەشقەرنى، غەربىي قاراخانىيلار سەمەرقەنت پايتەخت قىلدى.

مىلادى 1141-يىلىغا كەلگەندە قارا خىتايلار باش كۆتۈرۈپ،  شەرقىي قاراخانىيلار قارا خىتايلارغا قارام بولۇپ قالدى،  قارا خىتايلار بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ، قارا خىتايلار سۇلالىسىنىڭ قۇردى. 1212-يىلى، نايمان خانى كۈچلۈك خان قەشقەر ۋە ئۇزگەندكى شەرقىي قاراخانىلارنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى. شۇ يىلى  سەمەرقەندتىكى غەربىي قاراخانىلارمۇ كۈچلۈك تەرىپىدىن يوق قىلىندى. 1218-يىلى، بولسا نايمانلارنىڭ خانى كۈچلۈك چىڭگىز خان تەرىپىدىن يوقىتىلدى.

قاراخانىلار سۇلالىسى  ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، ھەر ئىككىلا خانلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا خاقانلىرى بار بولۇپ، شەرقىي قاراخانىلاردا 12 خاقان  ھۆكۈم سۈرگەن ، غەربىي قاراخانىلاردا 22 خاقان تەختتە ئولتۇرغان.

قاراخانىلارنىڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا زېمىن دائىرىسى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاساسلىق قىسىمى، تارىم ۋە ئىلى ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ قۇدرەتلىك  ئۇيغۇر دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتەرگەن. قەشقەر قاراخانىلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركەي قەبىلىلەر ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۆز يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ، شانلىق مەدەنىيەت  ياراتقان.

قەشقەردە ياشاپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان ماھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس  ھاجىپ  دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرىدۇر.

Comments are closed.

Scroll To Top