چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 قازاقىستان نوپۇسى 17 مىليونغا يەتتى

قازاقىستان نوپۇسى 17 مىليونغا يەتتى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 19-ئىيۇن خەۋىرى: قازاقىستان ستاتستىكا ئورگىنى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 17 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قازاقىستان دۆلەت ستاتستىكا ئىدارىسى باشلىقى ئەلىخان ئىسمائىلوۋ، يېقىنقى نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىغاندا قازاقىستاننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 17 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىخان ئىسمائىلوۋ، 2012-يىلى ماي ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىغاندا قازاقىستان نوپۇسى 16 مىليون 900 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئوتتۇرچە ئايلىق نوپۇسنىڭ 20 مىڭ كىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق ستاتىستىكىدا 17 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەت نوپۇسى تۇغۇش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن.
ھەر 10 يىلدا بىر ئومۇمى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان قازاقىستاندا يېقىنقى 5 يىل ئالدىدا ستاتىستىكا قىلىنغان ئىدى. 2009-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان  ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا دۆلەتتە 16 مىليون 9 مىڭ 600 كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 1999-يىلدا بولسا قازاقىستان نوپۇسى 14 مىليون 953 مىڭ 100 بولۇپ خاتىرلەنگەن ئىدى. دۆلەت نوپۇسىنىڭ يۈزدە %63 قازاقلار، يۈزدە % 24 بولسا روسلاردىن تەشكىل تاپماقتا. قالغان%13 بولسا باشقا قېرىنداش مىللەتلەردىن تەركىب تاپماقتا. قازاقىستان كۆلەم جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە دۇنيادىكى 9-چوڭ دۆلەت قاتارىدا.

 

 مەنبە:  خەۋەر تورى

Leave a Reply

Scroll To Top