پىلتە لەغمەن(ئۆي لەغمەن ) ئۇن بىر كىلوگىرام،سامساق بىر باش،گۆش200گىرام، سۇ يېغى200گىرام،زەنجىۋىل سۇيى ئازىراق، جاڭدو100گىرام، كۆك لازا 2تال، سۇڭ پىياز بىر تال، پەمىدۇر 2تال، كاۋاۋىچىن سۇيى ئازىراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئىتىش ئۇسۇلى: 1-پەسىلگە قاراپ ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققۇچە ئىشلەپ 15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 40ەىرام چوڭلۇقتا زۇۋۇلا ئۇزۇپ، ئۇنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
Feed Subscriptionپىتر نان
پىتر نان ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام ، قايماق 70 گرام. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، كاۋاۋىچىن بىلەن بىللە سۇغا سېلىپ، قاينىتىپ تەمى چىققاندىن كېيىن پىياز، كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيى سوۋۇتۇلىدۇ. 2. سوۋۇتۇلغان سۇغا خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ 280 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزىمىز. ئاندىن ئۇلارنى گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزرەك ... Read More »
بېھى پولوسى
بېھى پولوسى خۇرۇچ گۈرۈچ ئىككى كلوگرام،سوققان زىرە ئازراق،گۆش 500گرام،پىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500گرام،سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق،بېھى تۆتتىن ئالتىگىچە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سەۋزە بىر كلوگرام. ئېتىش ئۇسۇلى 1.بېھى پولوسىنى ئېتىش ئۇسۇلى گۆشلۈك پولۇنى ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. 2.پولونى دەملەشتىن ئاۋال،بىھىلەرنى ياخشى سۈرتۈپ ،تۈكلىرىنى تازىلاپ،ھەربىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇرۇقلىرى ئېلىۋىتىلىدۇ. 3.پولونى دەملەشتە تەييارلانغان بېھىلەر گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە دۈم قۇيۇلىدۇ. 4.دەم يېگەندىن كىيىن بېھى بىلەن گۆش ئايرىم ... Read More »
بۆشۈك
ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر “كارۋات”نى تەييارلاپ، ئۇنى “بۆشۈك” دەپ ئاتىغان. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر – سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مەنبە: ئۇيغۇر ئۆرۇپ_ئادەتلىرى Read More »
بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپىلىرى
بوۋاققا ئىسىم قويۇش تەرتىپىلىرى پەرزەنت خۇشاللىقى ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۈچۈن چەكسىزدۇر. ئادەتتە كىشىلەر غەم قايغۇسىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلىسە، خوشاللىقىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بىراق، دەرىجىدىن تاشقىرى خوشاللىقنىمۇ كۆز ياشلىرى بىلەن ئىپادىلەپ،ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. پەرزەنت خوشاللىقى مۇشۇلار قاتارىدىن بولۇپ، ھەرقانداق رەھىمسىز،تاش يۈرەك ئاتا-ئانىمۇ بۇنداق خوشاللىقنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى- ئۆزلىرىنىڭ ئىز باسارى بار بولسا، ئۆزلىرى ئاچ-زار، يىلىڭ بولسىمۇ ... Read More »
بولاق مانتا
بولاق مانتا خۇرۇچى : ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قۇي گۇشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 300 مىللىمىتىر ، پىياز 500 گىرام ، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا ، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، شولتا ئازراق . ئىتىش ئۇسۇلى : 1 . ئۇنغا تۇز ۋە خىمىر تۇرۇچ سىلىپ ، تۇزى كەمرەك خىمىر يۇغۇرۇپ ، ئىسسىق جايدا يۇگەپ ... Read More »
بەتتە پولۇ
بەتتە پولۇ خۇرۇچى گۈرۈچ ئېككى كلوگرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،گۆش 500گرام،سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم،ياغ 200گرام،سامساق بىر تال،يېسۋىلەك 250گرام،پۇرچاق ئۇنى 35گرام،پىنتوزا 140گرام،سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم،سۇڭپىياز 70گرام،زىرە مۇۋاپىق،پەمىدۇر بىر تال. ئېتىش ئۇسۇلى 1.گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 3-4 قېتىم يۇيۇلىدۇ. 2.سەۋزىنى قەلەمچە،گۆشنى نىپىز،يالپاق،يېسۋىلەك چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ. پېنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ،سۇڭپىياز،پەمىدۇر،سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ. 3.قازانغا 140-150گرام ياغ قۇيۇپ،7-8دەرىجە قىزىتىپ،ياخشى داغلىغاندىن كىين گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ... Read More »
لەغمەن
لەغمەن ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىنتوزا ئازراق، گۆش 500 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، بەسەي 140 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى مۇۋاپىق ، سامساق تۆت چىش، سۇڭپىياز بىر تال، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. تۇزنى كەمرەك قىلىپ، بوش خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ، يېرىم سائەت تىندۇرغاندىن كېيىن تۇز بېرىپ يەنە ئىشلەپ، پۈتۈن خېمىرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ، ... Read More »
ئۈگرە
ئۈگرە [خۇرۇچى] ئاق ئۇن200گرام،ياڭيۇ ئىككى باش،لوق ياكى سۆڭەكلىك گۆش175گرام،قارىمۇچ ئازراق،پالەك ئىككى تۈپ،يۇمغاقسۈت ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،پىننە ئازراق،پەمىدۇر ئىككى تال،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.ئاش خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ،نوغۇچتا نېپىز يېيىپ،كەڭلىكى بىر تال سەرەڭگىچىلىك قىلىپ ئۈگرە كېسىپ،كېسىلگەن ئۈگرىگە ئۇن سېپىپ قۇيىمىز. 2.گۆشنى توغراپ دورا-دەرمەك،سۇڭپىياز،پەمىدۇرلار بىلەن قورۇپ،سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز گۆش پىشقاندا،ئۇششاقراق توغرالغان ياڭيۇنى سېلىپ،شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ،يەنە10مىنۇتچە قاينىتىمىز.ئاندىن ئۈگرىنىڭ ئۇنلىرىنى قېقىۋىتىپ قازانغانغا سالىمىز.ئۇيغۇرلاردا<ئۈگرە ئۆرۈلسە ... Read More »
ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش
ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 140 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، سامساق بىر باش، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل ئازراق، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا. خېمىرنى لەڭمەن خېمىرىدەك يۇغۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، سۇ يېغى سۈركەپ، نەم رەخت يېپىپ 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ پىلتە قىلىپ، لېگەن ياكى ... Read More »