خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان شەھەر ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى داۋاملىق ھالدا زىيارەت قىلىپ سوغاتلار بەرمەكتە، ھەتتا خىتايغا تەكلىپ قىلماقتا.
بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى پاش قىلىپ، خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ ئاڭلاتقانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتماقتا. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان 7 كىشىلىك ھەيئەت يېڭى تەيىنلەنگەن قەيسەرى ۋالىسى شەرىف يىلماز ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ مۇبارەكلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى شەرىف يىلماز ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلارغا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۈنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قەيسەرى ۋالىسى شەرىف يىلماز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە باش كاتىپى ئابدۇلھېكىم سەلچۇق باشچىلىقىدىكى 7 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتىۋېلىپ ياشلىق چېغىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەيسەرىدە ۋالى بولغانلىقىغا قاتتىق خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى دېدى. بۈگۈن تور گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، قەيسەرى ۋالىسى شەرىف يىلماز ئەپەندى، ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك. كېلەچىكىمىز بولغان ياش ئەۋلادلارنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تەربىيىلىشىمىز كېرەككى، ئۇلار دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سۆز ئىگىسى بولۇپ، ئاۋازىمىزنى دۈنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتسۇن دېگەن.
كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋالى شەرىف يىلماز ئەپەندىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۆزلىرى چىقىرىۋاتقان كۆكبايراق ژۇرنىلى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلدى. بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەيسەرى ۋالىسىنى ئۇيغۇر مەھەللىسىگە تەكلىپ قىلدى.
مەنبە: RFA