17 – ماي نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىم كۈنى بولۇپ، يەرلىك نورۋېگلارلا ئەمەس، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىمۇ بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ.
پۈتۈن دۆلەت مىقىياسىدا بايراقلار ئېسىلىدۇ، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كوچا – كوچىلاردىكى پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. نورۋېگىيەنىڭ پادىشا ئائىلىسى ئوردىسىنىڭ يۇقىرى قەۋىتىسدىكى بالكوندا تاكى پاراتچىلار ئۆتۈپ تۇگىگۈچە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرىدۇ.
مۇشۇنداق بىر قۇتلۇق كۈندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى زۆزۈر دەپ بىلگەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىر نەچچە ھەپتىلىك جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن، بايرام كۈنىدە ئادەملەر ئەڭ كۆپ يىغىلدىغان قايناق كوچىدىن بازارلىق جاي سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمەكلىرىنى تونۇشتۇرش ۋە سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى تۇرغۇنجان قارىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان كاۋاپ، پولۇ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ۋە ھەر قايسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ياردەم سۈپىتىدە ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئىسىل تاماقلار ھازىر قىلىنغان بولۇپ، پاختەخت ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ بازار كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتەردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ :
– مەدەنىيىتىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز، – دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان پەرھات ئەپەندى بۈگۈنكى بايرام ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، –
ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىمۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئۆچىرەت تۇرۇپ سېتىۋېلىپ ئېغىز تەككەندىن كېيىن، بۇنداق تاماقنى تۇنجى قېتىم يەپ باققانلىقىنى ۋە تەمىنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىنى بىر ئېغىزدىن ماختىشىپ كەتتى.
نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تاماق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە خالىس كېلىپ ياردەم قىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىر تەرەپتىن ئالدىراش ھالدا خېرىدارلارغا تاماق ساتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىزىقىپ سورىغانلارغا قىسقا قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى قولدىن بەرمىدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ يېقىندىن كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى پائالىيەت بولۇپ، بۈگۈنكى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن نەتىجىلىك ۋە كۆڭۈللۈك كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان بۇ پائالىيەت يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئاخىرلىشىدىكەن.
مەنبە: RFA