چاقماق خەۋەر
Home 20 ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى قىلىشقا چاقىرىلدى
ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى قىلىشقا چاقىرىلدى

ب د ت دا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىسلاھاتى قىلىشقا چاقىرىلدى

‏-مارت باشلانغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئاخىرلىشىپ، خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئالمىشىش باسقۇچى تاماملاندى. كىشىلەر ئەمدى شى جىنپىڭ‏-لى كېچياڭ گۇرۇھىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشىنى كۈتمەكتە. دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى مەزكۇر كېڭەشنىڭ 12‏-مارت كۈنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكا ئەلچىسى ئېيلىن دونېيخوي خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى «قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ۋە غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا خىتاينى ئامېرىكا بىلەن بىرگە يەنە، گېرمانىيە، چېخىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا ئەلچىسى ئېيلىن دونېيخوي مۇنداق دېگەن: خىتاي قولغا ئېلىش، مەھكۇم قىلىش، مەجبۇرى غايىب قىلىۋېتىش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇپ كەلدى. ئۇ يەنە، تور كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى جازالىدى، پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالدى، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلدى، ئىچكى-تاشقى مۇخبىرلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىدى. نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتچى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيا 2011‏-يىلىدىن بېرى نەزەربەند قىلىندى. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىدا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈردى.

يىغىندا ئىرېلاندىيە ئەلچىسى گېرارد كور ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاينى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

گېرارد كور ئەسكەرتىپ: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىلىق قوزغالغان مۇنازىرىنى قارشى ئالىدۇ ۋە خىتاينى ئەمەلىي قەدەم بېسىپ، بۇ سىستېمىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە خىتاينى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئىلگىرىلەپ دەۋەت قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تىبەتلەر ئولتۇراقلىق رايونلاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىدىن پەۋقۇلئاددە ئېچىنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئىپادە ئەركىنلىكى، شۇ قاتارىدا يىغىلىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا دەۋەت قىلىپ، 2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو ۋە باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ، دېگەن.

گرارد كور يەنە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى، ئۇنىڭ يەنە ب د ت «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى تېزرەك تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ب د ت نىڭ «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» غا 1998‏-يىلى قول قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەھدىنامىنى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىغان. بۇ قېتىم 12‏-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلار، ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەر خەلق قۇرۇلتىيىغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق چەتئەلدىكى بەزى ئۆكتىچىلەر خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى گۇمانلىق، ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەنۋەدىكى يىغىندا يەنە ئاۋسترىيە ئەلچىسى كرىستيان ستروخول خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ: ئاۋسترىيە شۇنداقلا يەنە خىتاي دانىلىرىنى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۈملىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقىنى قوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە تىبەتلەردىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى بىزنىڭ پەۋقۇلئاددە سەزگۈرلۈكىمىزنى قوزغىماقتا، دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا، ئىرېلاندىيە، ئاۋسترىيە ئەلچىلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇ كۈنى يەنە جەنۋەدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇھى ھاكىمىيەت سورايدىغان يېڭى دەۋردە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىسى دۇچ كېلىدىغان رىقابەتنى مۇزاكىرە قىلغان. 3 كۈن داۋام قىلىپ، 13‏-مارت ئاخىرلاشقان مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

بىراق بەزى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس. ئامېرىكا بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاتسۇن خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلى ئەپەندى، خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، پىكىر قىلغانلارنى جازالىشى خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزگەن.

ئۇ: سۆز قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ، جازاغا مەھكۇم قىلىنىدىغان ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بەزى چاغدا سۆز ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىپ، بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا يامانلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. جۇڭگودا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئەمىلى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەت شۇكى، سۆز ئەركىنلىكىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۆز ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك. جۇڭگودا ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلە بار. دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش يالغۇز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بولمايدۇ. سىز بىر تەرەپتىن دۇنيادا باشقىلارنىڭ سازاۋەر بولۇشنى ئويلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ سۆز قىلىشىغا چىدىمىسىڭىز، سىز قانداق قىلىپ دۇنيادا باشقىلار ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولالايسىز؟ شۇڭا مېنىڭچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەيىبىنى تۈزىتىشى زۆرۈر، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق جەنۋەدىكى يىغىندا خىتاي ۋەكىلى خۇ خەيتاۋ يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىد پىكىرلەرنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئىجابىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ. ھالبۇكى بايا ئامېرىكا، گېرمانىيە، چېخىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونى تەنقىد قىلدى. بۇ دىئالوگ ۋە ئىجابىي ھەمكارلىق روھى ئەمەس. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پرىنسىپى ۋە مەقسىتىگە خىلاپ، دېگەن.

 

مەنبە: RFA

 

Leave a Reply

Scroll To Top