ۋىيېتنامدا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھەققىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن بېيجىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنامدا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھەققىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن بېيجىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
پايتەخت خانويدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن 150 كە يېقىن ئادەمنىڭ “يوقالسۇن جۇڭگونىڭ ھۇجۇمى» دەپ شوئار توۋلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ۋىيېتنام ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلاردىن 15 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
جۇڭگو، ۋىيېتنام، ڧىلىپپىن، بىرۇنېي پادىشاھلىقى، مالايشىيا ۋە تەيۋەن نېڧىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولغان شۇنداقلا مۇھىم دېڭىز تىجارىتىنى يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ ھەممىسى ياكى مۇئەييەن بىر قىسمىدا ھەققىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ.
مەنبە: TRTئۇيغۇر