چاقماق خەۋەر
Home 20 ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆكتەملىك قىلدى
ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆكتەملىك قىلدى

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ئۆكتەملىك قىلدى

2013- يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئېچىلغان «خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل دەيدىغان دۆلەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قەدەم باستۇرغۇزمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق بىناسىدىكى 24 – نومۇرلۇق يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا خىرۋاتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋول سەپاروۋىچ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزى مۇدىرى ئەغەباتۇ توگوچو ئەپەندى، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى سۆزچىسى تسەتەن سامدۇپ چوئەكياپا ئەپەندى، مۇستەقىل ژۇرنالېست ئىسەن گوسمان ئەپەندىلەر رەئىس سەھنىسىدىن سۆز ئالدى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

خىتاي ۋەكىللىرى ئۇلارنى باياناتىغا قارىتا چۈشەنچىلەر بەردى ۋە سوئاللار سورىدى. ئۇلار رابىيە قادىر خانىمدىن سورىغان سوئالىدا، شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر دۆلەت يوقلۇقىنى، بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن خىتايغا ئائىت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتكە كىرىش ھەققىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئېيتقاندىن باشقا، يەنە ھەر بىر خىتاي ۋەكىل بىر نەچچىدىن كېرەكسىز سوئاللارنى سوراپ رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزلەش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار سوئال سوراۋاتقان ۋاقتىدا ئاۋاز ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا قويغان ئۈنئالغۇ ئاپاراتىمىزنى چۆرىۋەتتى.

ياڭ چۈەنخۇي ئىسىملىك بىر خىتاي رابىيە قادىر خانىمغا :

– ساڭا مۇنداق بىر تەكلىپىم بار. ساڭا جاۋاب قايتۇرالىشىم ئۈچۈن سوغۇققانلىق بىلەن گەپ قىلىشىڭ لازىم. سەن نورمالدىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن، بىلمىدىم. تولىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىكەنسەن، – دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭ سۆزىگە مۇنداق جاۋاب بەردى:

– سېنىڭ مەسلىھەتىڭنى ياخشى ئاڭلايمەن. مۇشۇنداق مەسلىھەت بەرسەڭلار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرى ياخشى ئادەم بولۇشقا باشلاپتۇ دەپ قارايمەن. لېكىن خەلق ئۆلۈۋاتقاندىن كېيىن، قىرىلىۋاتقاندىن كېيىن بەلكى، ئاۋازىم ھاياجاندىن يۇقىرى چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ كۈن سېنىڭ بېشىڭغا كەلسە سەنمۇ شۇنداق بولار ئىدىڭ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋاڭ يى ئىسىملىك ئايال ۋەكىلنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان دۆلەت يوق» دېگەن گەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

– دۇنيادا ئېمپىرىيە بولغان ئەنگىلىيە، ئوسمانىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنى بېسىۋالغان ۋاقتىدا ئۆزى بېسىۋالغان زېمىننىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. لېكىن بىرلا خىتاي بېسىۋالغان زېمىننى بىر خەينى كۆمۈپ قويۇپمۇ بولسا، ئۇ يەردىن تاش چىقتى، بۇ يەردىن خەت چىقتى دەپ، بۇ تارىختىن بېرى مېنىڭ زېمىنىم دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. بۈگۈن بىز كىشىلىك ھۇقۇق توغرىلىق سۆزلىگىلى كەلگەن. زېمىن توغرىلىق سۆزلىگىلى كەلگەن ئەمەس. لېكىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بىلەن مېنىڭ ئېغىزىمنى ئاچتىڭلار. شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان تاڭ دەۋرى، شاڭ دەۋرى، پاڭ دەۋرى دەيدىغانلارنىڭ زېمىنى ئەمەس. تارىخ دېگەننى تارىخچىلار يازىدۇ. سىلەر يازمايسىلەر. كوممۇنىستىك پارتىيە يازمايدۇ. ئاق تاشلىق كىتاب يازمايدۇ. بىز يازمايمىز. بىز سىلەردىن خاپا بولمايمىز. سىلەر ياش بالىلار مىڭەڭلار يۇيۇلۇپ كەتكەن. سىلەر شۇ بويىچە سۆزلەيسىلەر. ھەقىقىي تارىخنى ئۆگەنسەڭلار، ئاندىن بىلىسىلەر. بۇ زېمىن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار ئەمەس. بۇ تارىخ سىلەرنىڭ تارىخىڭلار ئەمەس. نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار قىرىلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن تىبەت ئەقەللىي ئاپتوموم ھۇقۇقىنى ئالىمىز دەۋاتسا، ئۇلارنىمۇ قوشۇپ بۆلگۈنچى دەيسىلەر. بىزنى بۆلگۈنچى دەپ تۇتىسىلەر. موڭغۇلنى بۆلگۈنچى دەپ تۇتىسىلەر. نېمە ئۈچۈن تىلىمىزنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىسىلەر. نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇنداق باشقۇرىسىلەر. بۇنىڭ سەۋەبى دەل بۇ زېمىننىڭ سىلەرنىڭ ئەمەس بولغانلىقىدا. سىلەر بىزنى قىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ زېمىنغا ئىگە بولماقچى. تارىختا ھەرقانداق بىر دۆلەت بىر يەرنى بېسىۋالىدۇ ياكى بېسىۋېلىنىدۇ. بېسىۋېلىنغۇچى ھېچقاچان بېسىۋالغۇچىنىڭ بولۇپ قالمايدۇ. بىزنى 1949 – يىلىدىن كېيىن بېسىۋالدىڭلار. ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي خەلقىنىڭ جۇڭگو دەپ بىر يەر قۇرۇشقا كۈچى يەتكەن ئەمەس. ئۇندىن بۇرۇن موڭغۇللار بىلەن مانجۇلار بىزنى ھەم سىلەرنى بېسىۋالغان. سىلەرنىڭ ئەسلى بىزنى بېسىۋېلىشقا كۈچۈڭلار يەتمەيتتى. سىتالىن سىلەرگە ياردەم قىلدى.

بۇ يىغىنغا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بەزىلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىلكىشى، ئۇيغۇر مۇخبىرنىڭ ئۈنئالغۇسىنى چۆرىۋېتىشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.

مەنبە: RFA

Leave a Reply

Scroll To Top