دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 21-ئىيۇن خەۋىىرى: سۇرىيەدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى، سۇرىيەدە تېرورغا ياردەم بەرگەن ۋە رايۇندىكى تىنچلق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىد سالغان دېگەن باھانىلەر بىلەن تۈركىيە ، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر ۋە فرانسىيەنى ب د ت غا شىكايەت قىلدى. سۇرىيە رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى سانادا بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ب د ت باش كاتىبلىقى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كومىتىتغا، ” دۆلەتتىكى تېرورنى ۋە تېرورىستلارنى قوللىغان ۋە تەشۋىق قىلغان ” داۋالار بىلەن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ، مىسىر ۋە فرانسىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ب د ت غا مەكتۇب ئەۋەتتى.
سۇرىيە ئەەۋتكەن مەكتۇبتا، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىتىپاقى باشلىقى شەيخ يۈسۈف ئەل-قەرداۋى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق دەۋەتچى مۇھەممەد ئەل-ئەرىيفى، ۋە ئابدۇلئەزىز ئابدۇللاھ ئەلى شەيخ، مىسىر سۈننىي ئالىملار ئىتىپاقى باشلىقى سەفۋەت ھىجازى، مىسىرلىق دەۋەتچى مۇھەممەد ھەسسان، كۇۋەيتلىك شافى سۇلتان ئەل-ئەجەمىمۇ تېرورغا تەشۋىق قىلىش دېگەن داۋالار بىلەن شىكايەت قىلىندى.
مىنىستىرلىكتىن بېرىلگەن باياناتتا، يۇقارقى ئالىملارنىڭ چىقارغان پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بىلەن ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە باشقا تېرور تەشكىلاتلارغا ياردەم خىزمىتى بېرىۋاتىدۇ دەپ داۋالار بېرىلدى. سۇرىيە ئەۋەتكەن شىكايەت مەكتۇبىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دىنى ئالىملارنىڭ ئارقىسىدا تۈركىيە،سەئۇى ئەرەبىستان، قاتار ۋە مىسىرنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىندى.
مەنبە: ئوكيان تورى