چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ئۇيغۇر تىبابىتى 20 ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى
ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قىلىن كېينىش، باش ۋە پۇتنى ئىسسىق ساقلاش, بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋىلىش.


2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستىمال قىلىش، كاۋاپ قىلىپ يىسىمۇ بولىدۇ.

3. زەيتۇن يىغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يىغى، بۆرەك يىغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بىرىش.

4.زىيادە چارچاپ كەتكەندە ئىككى پۇتنى تامغا ئېلىپ بىردەم يىتىش ياكى تۈز يەردە بىردەم يىتىپ بىرىش، پات –پات بەل ساھەسىنى ئۇلاپ بىرىش.

5. يىلتىز غول تۇرىدىكى كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش.پات-پات سەۋزە،چامغۇر سېلىنغان شورپا ئېچىش.

6. پات – پات زەپە، لاچىندانە، ناۋات قاتارلىقلار بىلەن چاي دەملەپ ئىچىش.

7.ياڭاق، بادام ،چىلغوزا مىغىزى، سوقا چىلان، خورما، ئۈرۈك قىقى، بانان، ئەنجۈر، ئاپلىسىن قاتارلىق مېۋە-چېۋە، سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش.

8.ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، ئۈزۈم شىرنىسى،
خورما ۋە لوبوبى كەبىر، مادەتۇلھايات قاتارلىقلار دورىلار بۆرەكنى ئاسرايدۇ.

9. چۈشتىن كىيىن مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چىنىقتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەرگەندە بۆرەكنى ياخشى ئاسىرىغىلى بولىدۇ.

10.ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش ياكىئازراق ئارلاشتۇرۇپ سوقماق قىلىپ ئىستىمال قىلغاندا بۆرەكنى ئاسرايدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق ماتىڭى ئستىمال قىلىشمۇ بۆرەككە پايدىلىق.

11. كەكلىك، بۆدۆنە، باچكا، قۇشقاچ، ئۇلار قاتارلىق قۇشلارنىڭ گۆشىنى يەپ بەرسە بۆرەككە پايدىلىق.

12. كۈندە ئەتىگەندە بىر قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنى ئاسرايدۇ.

13.ياڭاق، بادام، پىستە، پىندۇق قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىنىڭ مىغىزىنى سوقۇپ  ناشتىلىق چاي سۈتلەپ ئىچكەندە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

(«ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئەزالارنى ئاسراش» دېگەن كىتابتىن پايدىلىنىلدى. )

 

Leave a Reply

Scroll To Top