. يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولمىغانلار.
يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولىشى كالىي، ناترىي، كالتىسىي، ماگنىي ئىئۇنلىرىدىن ھاسىل بولغان پوتېنسىئال تەڭپۇڭلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىرتتىن كەلگەن ئېلېكتر ماگنېت دولقۇنى يۈرەك مۇسكۇلى ئېلېكترو فىزىئولوگىيە جەريانىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزىدۇ. تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى، يانفۇننىڭ ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى ئېلېكترو گاردىئوگرامماىدا نورمالسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەكنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئەسۋاپىنى ئورناتقانلارغا قارىتا، نازارەت قىلىپ ئۆلچەش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، خاتا دىئاگنوز قويۇش ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
يانفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مېڭىسى ئەتراپىدا ھاسىل بولغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنىڭ – ھەسسىگىچە بولىدۇ، ئاز ساندىكى سۈپىتى ناچارراق يانفۇنلارنىڭ ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، ئېلېكتر ئېنسېفالوگراممىدا نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇتقاقلىق كېسەللىكىنى قوزغاش ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. ئېغىر دەرىجىدە نېرۋىسى ئاجىز بولغانلار.
داۋاملىق يانفۇن ئىشلەتكەنلەردە ئۇيقۇسى قىچىش، ئۇنتۇغاق بولۇش، كۆپ چۈش كۆرۈش، باش قىيىش، باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىشتەك نېرۋا ئاجىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. نېرۋىسى ئاجىز بولغانلار داۋاملىق يانفۇن ئىشلەتسە كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
. ھامىلدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار.
ئېغىر ئېلېكترو ماگنىت رادىئاتسىيىسى بەدەننىڭ غەيرى تەبىئي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار يانفۇن ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. يانفۇن ئىچكى ئاجراتمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سۈت ئاجرىتىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىمكانقەدەر يانفۇن ئىشلىتىشتىن خالىي بولۇش كېرەك.