تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقىدارىنى ئاجىزلىتىپ ، يۈز تېرسىنىڭ قۇرغاقلىشتۇرۇپ تېرىنىڭ نۇرسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، قورۇق قېرىشنى تېزلىتىپ چىراي ئىپادىسىدىن كىيىنكى قورۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۋېتىدۇ ، كۈلكە تېرىنى ياشارتىدۇ ، كەيپىياتنىڭ مۇقىم بۇلۇشى ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم . قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككىنچى ئامىل : كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈش كەچ سائەت 9دىن ئەتىگەن سائەت 3كىچە بولغان ۋاقىت ھۆسۈن تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بۇلۇپ ، بۇۋاقىتتا تەندىكى نېرىپلار ئۆت ، جىگەرنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ قاننى تۇلۇقلاپ ، زەخمىنى ھەيدەيدۇ . ئەگەر شۇ ۋاقىتتا يىتەرلىك ئارام ئېلىش بولمىسا ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى ، تېرىنىڭ ساغرىپ كېتىشىنى ، داغلارنى روشەنلەشتۈرىدۇ ، دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چىرايىمىزنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قۇيىدۇ . قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچىنچى ئامىل: كۈن نۇرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىيئەلەنمەسلىك ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكۈر كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ تېرىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى كۆپ . ئۆتكۈر كۈن نۇرى تېرىنى كۆيدۈرۈپ يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاجىزلىتىپ بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ . ئېغىر بولغاندا ھەتتا تېرە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆتىنچى ئامىل: ھاراق ، تاماكىغا بېرىلىش تاماكا تەركىۋىدىكى نىكوتىن قان تۇمۇرنى تارايىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ، تاماكا چەككەن ئادەملەرنىڭ بەدىنىگە قورۇق چۈشۈش ، تاماكا چەكمەيدىغان ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا 10 يىل ئەتراپىدا بالدۇر بۇلىدۇ . ھاراق ئادەم تېرىسىگە كېرەكلىك بولغان ماينى سېرىپ ، تېرنىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، تېرىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەشىنچى ئامىل:چىراي ئىپادىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلۇشى دائىم كۆزنى قىسىش ، قۇشۇمىسىنى تۈرۈش ، ئېغىزنى پۇرۇشتۇرۇش قاتارلىق چىراي ئىپادىلىرىنىڭ ھەددىدىن كۆپ بۇلۇشى يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىما ئىشارەتنىڭ ، چىراي ئىپادىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشىغا دىققەت قىلش كېرەك .
مەنبەسى: تىببى ئۇچۇر تورى