چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۈرۈمچىدە نورۇز بايرىمى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ئۈرۈمچىدە نورۇز بايرىمى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئۈرۈمچىدە نورۇز بايرىمى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئانا تىل سودا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى بىلەن ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىككى كىشىنى مەجبۇرىي تۇتۇپ سوراق قىلغان. 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نورۇز بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بەزى تور يازارلىرى تەرىپىدىن «2013 – يىلى ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن تۇنجى زور ۋەقە» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقە كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەكمەكتە.

تۆت كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدىكى داڭلىق تور بەتلىرىدىن «باغداش»، «ئىزدىنىش» قاتارلىق تورلاردا كەسكىن بەس – مۇنازىرە قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى، 19 – مارت كۈنى «ئۇيسۇن رېستورانى» دا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بىرلەشمە نورۇز بايرىمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىش ۋەقەسى بولماقتا.

تور بەتلەردىكى ئاشكارا مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «شىنجياڭ خەلقئارا ئانا تىل سودا شىركىتى»نىڭ ساھىپخانلىقىدا 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تىن 8:00 غا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى «ئۇيسۇن رېستورانى» دا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان. «نورۇز داستىخانىدا ئانا تىل زىياپىتى» ناملىق بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز زىيالىيلىرى، داڭلىق بايلار، جامائەت ئەرباپلىرىدىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى تەكلىپ قىلىنغان. بۇ نورۇز پائالىيىتى ئۈرۈمچىدىكى ياشلار باغچىسىنىڭ كەينىدە قازاق قېرىنداشلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «ئۇيسۇن رېستورانى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۈتۈلمىگەن توسالغۇغا يولۇقماسلىق ئۈچۈن، پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، ئانا تىل شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان مۆتىۋەرلەرگە باغاق ئەۋەتىلگەن.

ئانا تىل شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان مۆتىۋەرلەرگە باغاق ئەۋەتىلگەن.

ئۇشبۇ نورۇز پائالىيىتىنىڭ باغىقى

ئۈرۈمچىدە نورۇز بايرىمى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
كۈتۈلمىگەندە، 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى «شىنجياڭ خەلقئارا ئانا تىل سودا شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئابدۇۋەلى ئەپەندىلەرنى «چاي»غا تەكلىپ قىلىش نامىدا، ئۇزۇن سوراق قىلغان. بۇ ئاتالمىش «چاي»دىن دىلى قاتتىق رەنجىگەن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، تور بەتلەردە قوللىنىپ كەلگەن گۇلەن تەخەللۇسى بىلەن شۇ كۈنى كەچتە «ئۈرۈمچىدە چاي، ئوخشاپتۇ ھاي ھاي» ناملىق بىر شېئىر يېزىپ، ئىزدىنىش قاتارلىق تورلاردا ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ 19 – مارت كۈنى «ئىزدىنىش» تورىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇلارنى سوراق قىلىش ئىشىغا ئالايىتەن قەشقەردىن كەلگەن ساقچىلارمۇ قاتناشقان. گۇلەن ئەپەندى بۇ توغرىسىدا ئەينەن مۇنداق يازىدۇ:

– بىر ئاددىي پۇقرا ئۈچۈن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە سەپ ھاسىل قىلىپ ھېساب ئېلىش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى. سورىغىنىنى دەپ بەردىم، سورىمىغاننىمۇ دەپ بەردىم… مەندە دېمىگۈدەك نېمە بار؟ يوشۇرغىدەك نېمە بار؟ بالىلارنى ئوقۇسۇن دېدىم، بالامنى مەندەك ئۇيغۇر بولسۇن دېدىم، ئاللاھ بەرگەن بالامنى ساۋادسىز قالمىسۇن، بالىلارنى جاھالەتكە يەم بولمىسۇن دەپ، مەكتەپ قۇراي دېدىم. پاھىشىخانا ئاچقان بولسام خوش بولامتىڭ؟ قىمارخانا ئاچسام مۇشۇنداق چاي ئىچۈرەرمىدىڭ؟ يېزىۋاتىمەن، يازالمايۋاتىمەن…نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز كىمنىڭ نەرىگە تاقاشتى؟ باج تۆلەۋاتقان بۇ ناتىۋان خەلقنىڭ خوشاللىقى قايسىڭنىڭ نەرىگە پۇتلاشتى؟ قىلما دېدىڭ ماقۇل دېدۇق، جىم بولدۇق، ھىجىيىپ ئولتۇردۇق… يەنە نېمە گەپ؟ بىر كۈننىڭ ئىچىدە نورۇز قىلىدىغان رېستۇران يېنىۋالدى، مەكتەپ قۇرىدىغان ئورۇن يېنىۋالدى… قىلدۇرۇلمىدۇق…

بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان يەنە بىر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەينى چاغدا نورۇز ئۆتكۈزۈشكە ئىجازەت بەرگەن ئەمەلدارى گېپىدىن يېنىۋالغان. بۇ ساقچىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دائىر ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش، تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچىخانىغا بۇ پائالىيەتنى ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئاندىن نورۇز پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلماقچى بولغان مېھمانلارنىڭ تىزىملىكىنى ساقچىغا تاپشۇرۇش كېرەككەن. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ توردا بايان قىلىشىچە، ساقچىلار ھەتتا يىراق – يېقىندىن كەلگەنلەرگە تېلېفۇن ئېچىپ، بۇ پائالىيەتكە نېمە مەقسەتتە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئانا تىل سودا شىركىتى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقى قاتارلىق بىر تالاي سوئاللارنى سوراپ تەھدىت سالغان.

نەتىجىدە، 19 – مارت كۈنى «ئۇيسۇن رېستورانى» دا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىگەن. رېستوران خوجايىنى ساقچىلارنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك بۇ يەردە پائالىيەتكە ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتالماي، «رېستوراننىڭ توك يولىدىن چاتاق چىقتى» دەپ تۇرۇۋالغان. پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر بۇ كۈنى رېستورانغا يېقىن يولىتىلمىغان. ئەتراپنى نۇرغۇنلىغان ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى قاپلاپ كەتكەن. مېھمانلارنى كۈتۈشكە مەسئۇل بولغان كىشىلەر ئالايىتەن نورۇزلۇق سوۋغا – سالاملارنى تەييارلاپ، يىراق – يېقىندىن كەلگەنلەردىن ئۆزرە سورىماقچى بولغاندا، مەخپىي خادىملار «بۇ ئىشنى بىز ئۆزىمىز قىلىمىز» دەپ، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى پۇقراچە كېيىنگەن بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ساقچىلار بىرمۇ – بىر تىزىملاپ، نەدىن كەلگەن بولسا شۇ يەرگە يولغا سېلىپ قويغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىقلارنىڭ مۆتىبەرلىرىنىڭ بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە نورۇز ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى نېمە ئۈچۈن چەكلەيدۇ؟

بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتىنىڭ مەنى قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تور يازارلىرىنىڭ غەزەپلىك ئىنكاسلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ ئۆتتى.

تېخىمۇ دىققەتنى چېكىدىغان بىر ۋەقە شۇكى، دەل شۇ كۈنى «ئاقىللار مەكتىپى» دىكى مەسئۇل خادىم، ئانا تىل سودا شىركىتىگە ئۇيغۇر يەسلىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىجارىگە بەرگەن يەرنى ساقچى تەرەپنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 19 – مارت كۈنى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نورۇز پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپلا قالماي، ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشىنىمۇ بىكار قىلغان.

 

مەنبە _   RFA

 

 

 

Leave a Reply

Scroll To Top