چاقماق خەۋەر
Home 20 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

23-مارت كۈنى شەنبە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ، نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نورۇزلۇق پائالىيەت ناھايىتى جانلىق بىر كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق سورۇننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن بىرى بولسا گوللاندىيىدىن كېلىپ، بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان 1-دەرىجىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئايگۈل ھەسەن خانىمدۇر. ئايگۈل ھەسەن خانىمنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرى سورۇنغا ئۆزگىچە بىر ھۆسن قوشتى.

بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداش، ئەۋلادلارغا كىملىك تەربىيىسى بېرىش، ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئەھۋاللىشىش، ھال مۇڭدىشىش ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر سورۇن بولدى.

 

مەنبە:    RFA

Leave a Reply

Scroll To Top