چاقماق خەۋەر
Home 20 ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ياۋروپا پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى «ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت قارار» نى ماقۇللاپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى. 62 ماددىلىق بۇ قاراردا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان.

باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى 2-ئاپرېل كۈنى بۇ قارارنىڭ بىر نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ خۇسۇستا بىزگە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر قارار ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي مۇناسىۋەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قاراردا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلىرى بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى تەكىتلەنگەن.

قارارنىڭ 30-ماددىسىدا، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تەنقىد قىلىنىپ ئەينەن ھالدا مۇنداق دېيىلگەن «تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدا دائىمىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئۇيغۇرلارنى ۋە تىبەتلىكلەرنى زورلاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرۇش يولى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش بىلەنلا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ» دېيىلگەن.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ قارارغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئۇنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە سىباستىيان ئەپەندىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت مەكتۇپى يوللىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

 

مەنبە:  RFA

 

Leave a Reply

Scroll To Top