چاقماق خەۋەر
Home 20 Author Archives: ئاتامان (page 13)

Author Archives: ئاتامان

مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى

مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقان مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپلىق ئىش قىلسا ياكى بىرەر كىشى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ زىتىغا تىگىپ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ... Read More »

ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى

ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى  «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ. ئۇنى جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىچىكلىتىلگەن، داراممىلاشقان شەكلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىلى «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» ھەربىر يۇرت، ھەربىر مەھەللىدىكى ئوتتۇز ئوغۇل نامى بىلەن شەكىللەنگەن، قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت سورۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا اتناشقۇچىلار ئوتتۇزدىن كۆپ ياكى ئاز بولسىمۇ بولىدۇ. «ئوتتۇز ئوغۇل» پائالىيىتى يالغۇز مەشرەپ بىلەنلا ... Read More »

مەكىت ساغادى مەشرىپى

مەكىت ساغادى مەشرىپى ساغادى مەشرىپى دولانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياز ۋە كۈزنىڭ دېھقانچىلىق ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا دېھقانلار ساغادى باغلاپ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ ھاردۇقىنى چىقىرىپ مادارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دېھقانچىلىقتىن مول- ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس يارىتىدۇ. مەشرەپ ھەم مەدىنىي كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە خوسۇسىيەتلىرىگە ئىگە. ساغادى مەشرىپىدە دولان مەشرەپ مۇقامچىلىرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ۋارىسلىرىنىڭ مۇقام توۋلاپ مەشرەپ ئويناۋاتقان پائالىيەتلىرى، مەشرەپنىڭ قىززىقچىلىق ... Read More »

يوپۇغا ھويلا مەشرىپى

يوپۇغا ھويلا مەشرىپى  «ھويلا مەشرىپى»-يۇپۇغا ناھىيىسىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي ئەل ئىچى سەنئەت شەكلىدۇ.  ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر توي- تۆكۈن، ھېيت-ئايەملەردە يىغىلىپ، ئەنئەنۋى چالغۇلارنى چېلىپ، ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىزىقچىلىق قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگەن. بۇ خىل ئادەت يوپۇغىنىڭ بايئاۋات، ئەمەنلىك، چاقا دېگەن جايلىرىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان. ھالبۇكى، مىلادىيە 14- ئەسىردە يوپۇغىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى يارگۈل مۇھەممەد ... Read More »

يېڭىسار ئىسپال مەشرىپى

يېڭىسار ئىسپال مەشرىپى    «ئىسپال» مەشرىپى يېڭىسار خەلقى قەدىمدىن تارتىپ ئويناپ كەلگەن مول مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى . يېڭىسار خەلقى قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى موشۇنداق مول مەزمۇنلۇق مەشرەپلەر بىلەن قىسقارتقان. مەشرەپنىڭ مەزمۇنى ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە قويۇق تىياتېر تۈسىگە ئىگە ئويۇنلاردىن تەشكىل تاپقان . مەشرەپتە يىگىت بېشى، مەسلىھەتچى، مىرشاپ قاتارلىق باشقۇرغۇچىلار بىلەن مەشرەپ سورۇنى ئىنتىزاملىق ھالدا تەشكىللەنگەن،  مىرشاپنىڭ قولىدا ئوتتۇرسى يېرىق تاراسلاپ ئاۋاز ... Read More »

تۇرپان قەيت مەشرىپى

تۇرپان قەيت مەشرىپى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى، گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كىشىلەرگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق، گۈزەل ئىستېتىك زوق بەخىش ئەتكەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى. شۇڭا خەلق ئىچىدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دېگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز ... Read More »

توقسۇن مەرتەم مەشرىپى

توقسۇن مەرتەم مەشرىپى  تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربې شىمالىغا جايلاشقان توقسۇن بوستانلىقى قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل سۈپىتىدە ناھايىتى زور رول ئويناپ كەلگەن . گەرچە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر بۇ ئۆتكەلگە تەسىر كۆرسۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، لىكىن توقسۇنلۇقلار ئۆزىگە خاس مول ھەم قىممەتلىك ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت سەمەرلىرىنى ياراتقان ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن جۈملىدىن توقسۇن مۇقام-مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي بايلىغى سۈپىتىدە قەدىرلىنىشكە ۋە قوغداشقا ئەرزىيدۇ ... Read More »

چۆچەك ئىمىل ۋادىسى مەشرىپى

چۆچەك ئىمىل ۋادىسى مەشرىپى    چۆچەك شەھىرى – مەملىكىتىمىزنىڭ غەبىي-شىمالىغا جايلاشقان. قازاقىستان بىلەن بولغان چىگىرا لىنيىسى 160كىلومىتىر، ئەتىراپىنى تارباغاتاي تېخى بىلەن قۇلۇستاي يايلىقى قورشاپ تۇرىدۇ.   تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە چۆچەك 1700يىللىق تارىخقا ئىگە. چۆچەك دېگەن بۇ نام قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، قاچا دېگەن مەنىدە. بۇ بەلكى شۇ ئورۇننىڭ يەر شەكلىگە قاراپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چۆچەكنىڭ ئەتىراپى ئوت-چۆپلىرى مول يايلاق بولۇپ،مال-چارۋىلارنىڭ ... Read More »

چەرچەن توي مەشرىپى

چەرچەن توي مەشرىپى  چەرچەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي-جەنۇب چېتىغا جايلاشقان قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋە شەرقى ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ، سۈيى ئەلۋەك چەرچەن دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي بوستانلىق ، مەشرەپ چەرچەنلىكلەر قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ، خەلق سەنئىتىنىڭ مۇقام ئېيتىش، نەغمە قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، بىيىت-قوشاق تاشلاش، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ياساش، دورامچىلىق ۋە گەپدانلىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ... Read More »

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى چاقىلىق – ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي  ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ  مەدەنىيەت ... Read More »

Scroll To Top