چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 تۇرپان قەيت مەشرىپى
تۇرپان قەيت مەشرىپى

تۇرپان قەيت مەشرىپى

تۇرپان قەيت مەشرىپى

ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەمگەكچان، ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردىكى ھايات كەچۈرمىشلىرى، گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا كىشىلەرگە ساغلام مەنىۋىي ئوزۇق، گۈزەل ئىستېتىك زوق بەخىش ئەتكەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى، ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى. شۇڭا خەلق ئىچىدە «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە» دېگەن ئەقىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

تۇرپان قەيت مەشرىپى ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئاممىۋىي سەنئەت شەكلى ئارقىلىق كىشىلەرگە قانون ئېڭىنى سىڭدۈرىدۇ. كىشىلەرنى ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تەربىيىسىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئالىجاناب ئىنسانىي پەزىلەتلىك، ئىناق، ئادىل، راستچىل، ئىشچان، غەيرەت-جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

قەيىت مەشرىپى – قەيت قىلىش (ھۆكۈم قىلىش) نى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن . ئۇنىڭدا مۇقاملار، ناخشا-ئۇسسۇللار، قىزىقارلىق ئەلنەغمە نومۇرلىرى، لەتىپە، قىززىقچىلىقلار، تېپىشماق تېپىش، ئەقىل سىناش ۋە ھەجىۋىي تۈس ئالغان كۈلكىلىك جازا ئويۇنلىرى بولىدۇ

Leave a Reply

Scroll To Top