چۆچەك شەھىرى – مەملىكىتىمىزنىڭ غەبىي-شىمالىغا جايلاشقان. قازاقىستان بىلەن بولغان چىگىرا لىنيىسى 160كىلومىتىر، ئەتىراپىنى تارباغاتاي تېخى بىلەن قۇلۇستاي يايلىقى قورشاپ تۇرىدۇ.
تارىخى ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە چۆچەك 1700يىللىق تارىخقا ئىگە. چۆچەك دېگەن بۇ نام قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، قاچا دېگەن مەنىدە. بۇ بەلكى شۇ ئورۇننىڭ يەر شەكلىگە قاراپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چۆچەكنىڭ ئەتىراپى ئوت-چۆپلىرى مول يايلاق بولۇپ،مال-چارۋىلارنىڭ جەننەت ماكانى، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، ئاشلىق ۋە مايلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. چۆچەكنىڭ تەبئىي كان بايلىقى مول بولۇپ ھازرىغىچە ئالتۇن، كۈمۈش، تۆمۈر، كۆمۈر، ياقۇت قاتارلىق 20نەچچە خىل قېزىلما بايلىق ئېنىقلانغان. چۆچەك كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون. خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبىك، تاتار، مۇڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بىرلىكتە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇزاق مەزگىل بىرگە ياشاش جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىپ چۆچەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرگەن.
مەرىپەتپەرۋەر، ئوت يۈرەك ئوغلان مەمتېئىلى تەۋپىق ئەپەندىمۇ 30-يىللاردا چۆچەككە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ، جەڭگىۋار ناخشا-خورلارنى چۆچەك ياشلىرىغا ئۆگەتكەن، ئۇسسۇل پېشىۋاسى قەمبەر خانىممۇ چۆچەك سانايىنەفىسەدە بىر مەزگىل تۇرغان. سەيپىدىن ئەزىزى، ئايىم ئەزىزىلەرمۇ چۆچەك گېزىتخانىسىدا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن مەشرەپلەرگە قاتناشقان. ھەتتا بىرلىكتە لەپەرمۇ ئوينىغان. ئاتاقلىق دراماتورگ زۇنۇن قادىرىمۇ ئۆزى غۇلجىدا تۇرسىمۇ يۇرتى دۆربىلجىنگە كېلىپ مەشرەپلەرگە قاتناشقان. دۇتتار پېشىۋالىرىمىز مۇساجان روزى ئاكىمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا جەڭچى بولغان مەزگىلىدە چۆچەكتە تۇرغان. بىز ئاشۇ تارىخى شەخىسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، چۆچەك مەشىرىپىنىڭ تارىخى دەۋرىنى 40-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرمىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.