چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار (page 4)

Category Archives: ئونىۋرسال يازمىلار

Feed Subscription

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزاھەتلەر

  ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى   ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى   مۇھىم مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش قائىدە ئاساسىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزافەتلەرنى تەتقىق قىلىش، توپلاش ۋە رەتلەپ لۇغەتلىرىمىزگە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي دەۋرلىرى ئوزايىدىن، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ... Read More »

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى

ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئېپىگرافىكىلىق (يازما) يادىكارلىقلىرى ئاپتور: ئابلەت كامالوف (تارىخ پەنلىرى دوكتورى) ئۇيغۇر خەلق  ئوتتۇرا ئەسىرلەردە قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە شىمالىي موڭغۇلىيىنى (ئورخۇن ۋە سېلېنگا ۋادىسى) مەركەز قىلغان ھالدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ تېررىتورىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر قاغانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى (744 – 840) ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىقاتچىلار ئاساسەن يازما ۋە ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرى ئاساسىدا تىكلەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە، يازما يادىكارلىقلارنىڭ ... Read More »

مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى

مۇھەممەت پولات ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئابدۇللا مەتقۇربان 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ، بولۇپمۇ ئەدەبىي تەنقىد ساھەسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىشچان باغۋىنى مۇھەممەت پولاتنىڭ نامى بىلەن باغلىنىدۇ . مۇھەممەت پولات ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بارلىق مۇھەببەت ۋە ھارارىتىنى ، ئىجادىي مېھنەت ۋە ئىزدىنىشلىرىنى ، مول بىلىم ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىگە بېغىشلىدى . بۇ ساھەدە ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىق تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئۇيغۇر تىلى دېگەن بۇ سۆز ئېيتماققا ۋە يازماققا تولىمۇ ئاددىي ۋە قىسقا. ئەمما مەنە، خاراكتېر ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۆز « ئۇيغۇر» سۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە. چۈنكى ئۇيغۇر بولمىسا ئۇيغۇر تىلى ئۆلگەن تىل قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بولمىسا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈرك تىل تارمىقىغا تەۋە ... Read More »

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر

غالىب بارات ئەرك ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋردە تەرەققى قىلغان شەرق خەلقلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما يېقىنقى 3- 4 ئەسىردە تەرەققىياتى ئەڭ قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ 1 . تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى تېنچلىق بولمىغان تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق بىلەلەيمىزكى 1600- يىلىدىن 1900- يىلىغىچە بولغان 300 يىل ئۇيغۇر جەمئىيىتى پۈتۈنلەي ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان ھەممە يەرنى قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان جەمىيەتكە ... Read More »

«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

«ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا 1. ئامېرىكىدا كىم “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟ «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدائۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى ... Read More »

يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى

يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان بىر قىسىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى ھازىر ئىستېمالدىن قالغان بولسىمۇ، ئۇلار مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى دۇردانىلەر سۈپىتىدە مەلۇم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا ياشلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىغا ياردىمى بولار دېگەن ئۈمىدتە توپلىغانلىرىمنى جامائەتچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم: چىڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا مۇساپىلەرنى ئۆلچەشتە‹‹ يىغاچ››، ‹‹تاش››، ‹‹پەرسەخ››، ‹‹چاقىرىم››، ‹‹يول›› قاتارلىق بىرلىكلەر قوللىنىلغان. 1. يىغاچ مۇساپە ئۆلچىمى بولۇپ، بىر ... Read More »

ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى

دىنىس سئنور (ئامىرىكا) تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرى ھەتتا مۇڭغۇللارمۇ ھۇنلارغا ئوخشاش ۋەھشىي، جەسۇر، تەڭداشسىز جەڭچى دېگەنگە ئوخشاش مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتالغان ئەمەس. خۇددى گئرمانلاردىكى ۋاندالىدىلاردەك بىزگە ئىلگىرى كۆرىلىپ باقمىغان Vadalism (ۋەھشىيلىك) دئگەنگە بىر ئاتالغۇ قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. «ھۇن» دئگەن بۇ ئىسىم «ۋەھشىي، رەھىمسىز، شەپقەتسىز دىشمەنلەرنى تەسۋىرلەيدىغان مەنسىتمەس سۆزى بولۇپ قالغان، ئۇلارنىڭ بىيىك ھۆكىمرانى «خۇدانىڭ قامچىسى» ئاتتىلا رىۋايەتلەردىكى ھەددىدىن زىيادە ... Read More »

ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت ۋە گۈلەن ئىدىيىسىدىكى بىرتەرەپلىمىلىك

ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت ۋە گۈلەن ئىدىيىسىدىكى  بىرتەرەپلىمىلىك  مەن تورغا چىقىشقا ئامراق.يىقىندا بىر نەچچە تورداش ۋە يىقىنلىرىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن گۈلەن مىكرۇ بىئولوگىدا زىيارەتتە بولدۇم ،زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيادە كۆپتۇرۇلگەن قاتتىق ئىللەت ئاستىتىدىكى تەھدىتتىن قۇتۇلغاندەك بولساممۇ،ئەمما بىر ئاز بىر تەرەپلىمە بولغان ساددا ئارزۇ قاينىمىغا كىرىپ قالدىم.تۆۋەندە مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام دىگەن ئەسىرى بىلەن گۈلەننىڭ يازمىللىرى ئوتتۇرسىدىكى ... Read More »

تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى

تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ «نازىركوم»نى «نازىر» ۋە «كوم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن تۇزۇلگەن ئاتالغۇ دەپ تەبىر بەرگىنىمىزدە، بۇ ئۇسسۇلنىڭ زادى قايسى دەۋىردە پەيدا بولغانلىقىنى ۋە نېمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توغرا چۇشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى ، ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ بىز نازىركوم ئۇسسۇلىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ... Read More »

Scroll To Top