چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت ۋە گۈلەن ئىدىيىسىدىكى بىرتەرەپلىمىلىك

ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت ۋە گۈلەن ئىدىيىسىدىكى بىرتەرەپلىمىلىك

ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت ۋە گۈلەن ئىدىيىسىدىكى  بىرتەرەپلىمىلىك

 مەن تورغا چىقىشقا ئامراق.يىقىندا بىر نەچچە تورداش ۋە يىقىنلىرىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن گۈلەن مىكرۇ بىئولوگىدا زىيارەتتە بولدۇم ،زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيادە كۆپتۇرۇلگەن قاتتىق ئىللەت ئاستىتىدىكى تەھدىتتىن قۇتۇلغاندەك بولساممۇ،ئەمما بىر ئاز بىر تەرەپلىمە بولغان ساددا ئارزۇ قاينىمىغا كىرىپ قالدىم.تۆۋەندە مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام دىگەن ئەسىرى بىلەن گۈلەننىڭ يازمىللىرى ئوتتۇرسىدىكى زىديەتلىك قاراش ۋە دىئالىكتىكىلىق باغلىنىش ئۇستىدە توختالماقچى؛

ئەختەم ئۆمەر ئىدىيىسىدىكى تەھدىت

         ئەختەم ئۆمەر تالانتلىق يازغۇچىللىرىمىزنىڭ بىرى.مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۇپ ئوقۇيمەن .ئۇنۇڭ ئىدىيىسىدە مىللەتنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك ئىللەت خارەكتىرلىك ھادىسىلەرنى پاش قىلىش ئارقىلىق مىللىي كىملىكنى ،ئۆزلۈكنى تونۇش ئاساسىدا ئۇيغۇر پىسخىكىسنى ساپلاشتۇرۇش سەرخىللەشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.بۇ يالغۇز ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنىڭلا ئەمەس كۆپ ساندىكى  ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىنىڭ ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ئايلىنىپ قالدى.ئەمما ئاسمىلاتسىيە ئاستىدىكى  ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئىلىپ ئىيتقاندا زىيادە ئىللەتچىلىك ئىدىيىسى مىللى ئاسمىلاتسىيە بېسىمىغا كاتالىزاتورلۇق رول ئويناپ كىشىلىك ئىللەت قارىشىنى كۇچلۇك پىكىردە ئومۇمى يۇزلۇك مىللى ئىللەتچىلىك قارىشىغا يىغىنچاقلاپ تارىخ چاقىغا يۆگۇشۇپ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن لۇشۇن مىتودەلوگىيىسنى دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشمىغان ھالدا بۈگۈنگە سۆرەپ جەمىيەتتە زور ئەكىس تەسىر قوزغىدى.ئۇيغۇرچە قالاقلىق بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئەلۋەتتە.كۇچلۇك بولغان تەنقىد ئالدىدا بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەن مۇقەددەس نامىمىزدىن پەخىرلىنىش ئەمەس سەسكىنىش باسقۇچىغا بىرىپ قالدۇق .بىزمۇ بىر كۇنلەردە قازاقنى قازاق دىسە ئاچچىقى كىلىدىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىسە قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرىدىغا يەرگە بىرىپ قالمىساقلا بولاتتىغۇ.پەرزەنىتلىرىمىز ئىنىللىرىمىز ئۇيغۇر دىگەن پەخىرلىنىدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ.بۇنۇڭغا ئەلۋەتتە زىيادە كۆپتۇرۇلگەن  ئىللەتچىلىك سەۋەب بولىۋاتىدۇ .مىللەت ئىچىدىكى كەمچىلىك ناچار ئىللەتلەرنى تۇزىتىشكە ئىلھام بىرىش كىرەك. لىكىن ئۇ ئىللەتلەرنى مىللەت خارەكتىرلىك نەتىجىگە مىللى خارەكتىرگە كۆپتۇرۇش ئارتۇقچە باش ئاغرىقى شۇنداقلا بىمەنىلىك .بۇ مىللى پىسخىكا ساپاسىغا زۆرۇر دورا ئەمەس بەلكى قاتتىق مىللەتتىن سەسكىنىش خارەكتىرى بولۇپ ئۆزلىشىۋاتىدۇ.مانا بۇ ھازىرقى مىللەتتىكى ئىللەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر پىسخىك ساپاسىغا نىسپەتەن چىكىنىشچانلىق ۋە تەھدىت بولۇپ سىڭىشى.

گۈلەن ئىدىيىسىدىكى  بىرتەرەپلىمىلىك.

        گۈلەن يازمىللىرىدا ئۇيغۇر ئىللەتچىلىك قارىشى تولۇق تەنقىتلەنگەن.لىكىن ئۇنۇڭ قاراشلىرىدا  بىرتەرەپلىمىلىك مەۋجۇت.ھەممىمىزگە مەلۇم مىللەت مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە ئىجدىمايى توپ.مۇشۇ ئورتاقلىق ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىكى مەلۇم ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دۇنيا تەرەققىياتىغا تۇرۇتكىلىك رول ئويناۋاتقان ياپۇن مىللىتىمۇ ئۆز مىللىتىدىكى ئىللەتلەرنى ئوپراتسىيە قىلىپ تۇزۇتىش يولىغا ماڭغان، ھىلىمۇ ياپۇنيە مەتبوئاتلىرىدا ياپۇن مىللىتىدىكى مىللى ئىللەت توغۇرلۇق ماقالىلەر ئىلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .ئىشەنىچ ۋە ئىنسانى ھوقۇق يۇكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان دەۋىر ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان ياپۇنيە چىغىدا ئۆز ئىللەتلىرىنى تەكشۇرۇپ تۇزىتىشكە ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ بىز ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك .توغرا بىزدە ئىللەت بار ئەمما بۇ ئىللەت ئۇنچىلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە ئۇنچىلىك ئىغىر  ئەمەس .مىللى ئىللەت تەبىئىي بولمايدۇ ئۇ سۈنئى بولىدۇ ئۇنى مۇئەييەن تەدبىرلەر ئارقىلىق كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ.ئەمما مىللەتتە ئىللەت بولمايدۇ دىگەن قاراش بىر ئاز يۈزەكى .مىللەتتە ئىللەت بولىدۇ، بىراق مۇتلەق بولمايدۇ، بۇنى توغرا تونۇش شۇنداقلا بەك كۆپتۇرۋەتمەسلىك كىرەك .ئەگەر ھەرقانداق مىللەتتە بىزدىكىگە ئوخشاش ئوخشىمىغان ئادەملەر توپى بار، مىللەتتىكى ئىللەت ھەرگىزمۇ ئىللەت ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى ئىنسانىي خارەكتىر مەسىلىسى دەپ تونىساق ئۇنداقتا گۈلەن ئىدىيىسىدىكى ساددا تەسەۋۋۇر قاتلىمىغا چۆكۈپ قىلىپ رىئاللىقنى توغرا تونىمىغان بولىمىز. چۈنكى ھەرقانداق مىللەتتە ئۆز جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا بەزىبىر خارەكتىر بولىدۇ لىكن بۇنى ئىللەت دىگىلى بولمايدۇ.ئىللەت دىگەن تەبىئىي ئەزەلدىن بار بولغان بولمايدۇ ،ئۇ مەلۇم شۇنداق ئادەملەر توپى ياكى شۇنداق خەرەكتىرنى يۇقتۇرىۋالغان ئادەمدىن مىللەتكە ئومۇمىييۇزلۇك يۇقىدۇ مانا بۇ ئىللەت.مەسىلەنگە بىر شەھەردە بىر ئوغرى پەيدا بولۇپ قالدى، دەيلى بۇ تەبىئىيلا ئەزەلدىن تارتىپ ئوچۇق-يورۇق ،پەزىلەتلىك ،بىر بىرىدە ئىشەنىچ بولغان جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ بۇنىڭ جەريانى مۇنداق:بىر بىرىدىن گۇمان قىلمايدىغان خەلىق كوچىللىرىغىلا ئىشىك ئالدىللىرىغىلا مۆلۈكلىرىنى قويۇپ قويدى دەيلى،ئوغرى شۇنداق مۆلۈكنى ئوغرىلىۋالدى .ئەتىدىن باشلاپ زىيان تارتقۇچى ھەرگىزمۇ نەرسىللىرىنى تالاغا قويمايدۇ، باشقىلاردىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ۋە ھارمنى يىيىشمۇ ئۇنۇڭغا نىسپەتەن چوڭ گۇناھ سىزىلمەيدۇ، ئۇنۇڭدىن بۇقاراش باشقىلارغا يۇقىدۇ. شۇنۇڭبىلە بۇ يەردە ئىككى مەنىۋىيەت ئوغرىسى پەيدا بولىدۇ.بۇ ئىسخىما خۇددى شاخلىتىشتەك كۆكلەپ كىتىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا جەمىيەت ئۆزىدە يەنى شۇ ئادەملەر توپى ئىچىدە خاتىرجەمسىزلىك شەكىللىنىدۇ بۇنىڭ ئۆزى ئىللەت.گۈلەن ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بەزىبىر مىللى ئىللەتلەرگە كۆز يۇمۇپ ئۇيغۇر مىللى توپىنى زىيادە مەدھىيلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللى توپىدىكى كىشىلەرنىڭ مىللى كېملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى كۇچەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەنىۋى تەرەققىياتىنى كۇچەيتمەكچى بولغان.بۇخىل قاراشنى خاتا دىيىش نادانلىق  توغرا دىسەكمۇ ئازراق بىرتەرەپلىمە قاراش بولۇپ قالىدۇ.بۇ خىل ئۇيغۇر مىللى پەخىرلىنىش ھىسياتى بەلكىم گۇلەننىڭ چەتئەل ھاياتىدىكى غېرىپلىقىدىن شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن.

ئەختەم ئۆمەر ۋە گۇلەن ئىدىيىسىنىڭ دىئالىكتىكىلىق باغلىنىشى ۋە غايەت زور ئۈنۈم

    مەنىۋىي ئىنقىلاپ بولمىغان مىللەتتە گۈللىنىش بولمايدۇ.

    مەنىۋى ئىنقىلاپ ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ  .

  ئەختەم ئۆمەر ئىدىيسى ھەقىقەتەن ئۆزىنى تونۇش ئىدىيىسى .ئۇنۇڭدا ئۇيغۇرلاردىكى بەزىبىر شەكىللەنگەن ئىللەتلەر تولۇق كۆرستىپ بىرىلگەن . گۈلەن ئىدىيىسى بولسا مىللى ئىپتىخارلىق ئىدىيىسى .ئۇنۇڭدا نەچچى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ گۇزەل ئەنئەنىسىدىن پەخىرلىنىش ھىسياتى ئەكىس ئەتكەن بۇ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئىدىيە .

   قاراپ باقساق بۇ ئىككى ئىدىيە بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ.بىر بىرىگە شەرىت بولالايدۇ.مەسىلەن بىز ئۆز مىللىتىمىزدىن پەخىرلەنسەك ناچار ئىللەتلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە ئابرۇيىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلسەك مىللىتىمىزنىڭ گۇزەل ئەخلاقلىرىدىن پەخىرلەنسەك ۋە ئۈگەنسەك بۇ ئىللەتلەر تەبىئىيلا يوقاپ كىتىدۇ .مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر يوقالسا بىز مىللىتىمىزدىن تىخىىمۇ ئىپتىخرارلىنىمىز ئەلۋەتتە.مىنىڭ پىكرىم:گۇلەن يازمىللىرىغا ئۇيغۇر ئىللەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن ئۇيغۇر ئەخلاقلىرىنى سىلىشتۇرما قىلىپ سىڭدۇرسە بۇ مىللى ئىپتىخار ئىدىيىسى بىلەن سىڭىشسا زور ئۈنۇم ھاسىل قىلغان بولاتتى.ئەختەم ئۆمەرمۇ ئۆز ئىدىيىسىگە مىللەتنىڭ مىللى كىملىكىدىن پەخىرلىنىش ھىسياتىنى قوشسا ۋە تۈزىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر ئەخلاق قاراشلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسە ئۇ چاغدا ئۇ ئەسەرلىرىدە تىخىمۇ كۆپ مۇكەممەللىككە ئىرىشكەن بولاتتى.

         يەنە بىر ھالقىلىق مەسىلە ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ بىرىدىغان مەنا ئۇقۇمىنى مۇقەددەسلەشتۇرۇش.بۇخىل قاراش گۈلەن ئىدىيىسىگە ياتىدۇ.بۇ قاراشنى ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىمۇ  ئىنكار قىلمايدۇ.بۇيەردىكى مەسىلە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىداش سۆزگە ئايلىنىپ قالماسلىقى .بۇ نۇقتىغا ئىككى ئەدىپ ئازراق كۆڭۈل بۆلسە دىگەن ئۆمۈتتىمەن.

Leave a Reply

Scroll To Top