ئۆزبېك نامى ھەققىدە
بەزى ياۋرۇپالىق يازغۇچىلا ۋە ئۆزبەكلەنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆز ئاچقان ، بىر قىسىم شەرىق تارىخچىلىرى ئۆزبىك سۆزىنى ئىتنوگىرافىك بىر سۆز دەپ گۇمان قىلىدۇ ، غەربى تۈركلىرىنى ئۆزبىك نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن قەبىلە دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك يېقىنقى زامانغىچە پەرغانە ، بۇ خارا ۋە خىۋە قاتارلىق ئۆلكىلەردە ھۆكۈمىرانلىق سۈرگەن ئۆزبىك خاندانىنى بۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئەسلى ئاھالىسىدن دەپ گۇمان قىلىدۇ . بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىدىمۇ بۇ ئىسىم توغىرسىدا ھەرخىل ئاساسسىز تەھلىللە مەۋجۇد بۇلۇپ كەلمەكتە . بۇلانىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان گۇمانلاردىن ئىبارەت خالاس . .
ئۆزبىك دىگەن سۆز ئېتنوگىرافىك بىر كەلمە ئەمەس ، يەنى بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامىمۇ ئەمەس . شۇنداقلا غەربى تۈرك ئاھالىسىنىڭ قەدىمكى ئىسمى ياكى لەقىمىمۇ ئەمەس . چۈنكى تارىخ دەۋىرنىڭ قەدىمكى چاغلىردىن تارتىپ مۇڭغۇل ئىستىلاسىغىچە شەرىق ۋە غەرىب تۈرك خەلقى پەقەت تۈرۈك ; دىگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكى
[ ئۆزبىك ياكى قازاق ] دىگەن قەبىلە ياكى بىر قوۋم ئىسىمنىڭ يوقلىقى قەدىمقى تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەدىن شۈبھىسىز سۈرەتتە مەلۇم بولماقتا . بۇ خارا ۋە سەمەرقەنىت ئاھالىسى بولغان تۈركلەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى تارىخى دەۋرلەردە سوغداق ياكى سوغوت دىگەن ئىسىملا بىلەن مەشھۇر ئىدى . بۇ ئىسىممۇ بىرەر قەبىلىنىڭ ئىسمى بولماستىن ، بۇخارا ۋە سەمەرقەنىتنى سۇغۇرىدىغان زەرەپشان دەرياسىنىڭ قەدىمقى ئىسمى سوغوت ; سوغد ; بولغانلىقتىن ، بۇ ئۆلكىلەرمۇ شۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان . قەدىمقى زامانلاردا شەرقى ۋە غەربىي تۈرك خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جاينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكى بىزگە ئايان ھەم ھازىرمۇ شۇنداق . ئۆزبېك ئىسمى يېقىنقى تارىختا ۋاقىتلىق بىر ۋاستە بىلەن غەربىي تۈرۈك ئاھالىسىغا ئۆزلىشىپ قالغان بىر لەقەمدىن ئىبارەت . چىڭگىز خاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكىمىرانلىقى تەۋەسىدىكى غەربىي ۋە شەرقىي تۈرك خەلىقلىرى چاغاتاي ئۇلۇسى دەپ ئاتالغاندەك ، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىكى قىپچاق دەشتى ۋە روس يۇرتلىردا ئولتۇراقلاشقان ھەرخىل تۈرك قەۋمىلىرى بىردەك جۇجى ئۇلۇسى دەپ ئاتالدى . كىيىنچە جۇجى خانىدانىغا مەنسۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا مۇھىم ئۇرۇنغا چىققان خانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى . مەسىلەن باتۇرخان زامانىدا [ مىلادى 1224-1255] ئۇلار باتۇر ئۇلۇسى بەرىكەخان زامانىدا[ مىلادى 1255-1266] بەرىكە ئۇلۇسى دەپ ئاتالدى ۋە ئۆزبىك خان دەۋىردە [ مىلادى 1340-1312] ئۆزبىك ئۇلۇسى دەپ شۆھرەت تاپتى. مانا شۇنىڭدىن كىيىن بۇ لەقەم كۆزگەرمىدى ۋە بۇ رايۇندىكى تۈركلەرنى ئۆزبىك ئۇلۇسى دەپ ئاتاش داۋام قىلىپ كەلدى . تۈمۈر بەگ دەۋىردىن تارتىپ غەربىي ۋە شەرقىي تۈركلىرى بىلەن ئالتۇن ئوردا دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدا سىياسى ۋە ھەربىي توقۇنىشلا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى . ئاخىرى روس دۆلىتى كۈچلىنىپ ، ئالتۇن ئوردا دۆلەتلىرنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن ، ئۇ جايدىن چىكىنىپ چىققان ئالتۇن ئوردا مەنسۇپلىرى ئەتىراپتىكى يىقىن ئۆلىكىلەرگە كىلىپ دۆلەت قۇردى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر قايسى تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش ۋە سۈلھى تېخىمۇ كۆپ بولدى ، ئۆزبىكلەر بىلەن ئۇرۇش باشلىنىپتۇ ياكى ئۆزبىك ئەلچىسى كەپتۇ دىگەندەك سۆزلە تولا سۆزلىنىدىغان بولدى .
يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدك ، ھىجىرى 906 [ مىلادى 1500] – يىلى مۇھەممەد شەيىبانى خان غەربىي تۈركلەرنى ئىشغال قىلىشقا باشلاپ ، ئاخىرى بۇ جايلانى پۇتۇنلەر ئىگەللەپ ، مەشھۇر ئۆزبىك دۆلىتىنى قۇردى. كېيىنچە بۇ دۆلەت پارچىلىنىپ كەتتى. بۇخارا ، خىۋە ھەم پەرغانىدىكى قالدۇقلىرى زامانىمىزدىكى روس ئىستىلاسىغىچە داۋام قىلدى . قىسقىسى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ لەقىمى بولغان ئۆزبىك كەلىمىسى مۇڭغۇل ئەنئەنىسى بۇيىچە ئۇلانىڭ ھاكىمىتى ئاستىدىكى غەربىي تۈرك خەلقىغە نام بۇلۇپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلانىڭ قەدىمكى تۈرك ئۇنىۋانلىرى ۋە مۇڭغۇل ھاكىمىتىدىن ،كورگان خاندانى يېقىلغۇچە داۋام قىلغان چاغاتاي تۈركلىرى دېگەن ناملىرى ئۇنتۇلۇپ ، تاشىقىردىن كەلگەن ئۆزبىك لەقىمى بىلەن زامانىمىزغا كەلدى.
مەنبەسى؛ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تارىخى ئەسىردىن ئېلىندى.