چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 بىزگە قانداق بالىلار كېرەك

بىزگە قانداق بالىلار كېرەك

ئىدرىس بارات

كىشىلەر ئارا بىر – بىرىگە خالىسانە كۆيۈنۈش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاپادارلىق قىلىشلارنىڭ ئورنىنى مەنپەئەتپەرەسلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ئىگىلەپ، ۋاپاغا جاپا يېنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر ئاتا – ئانىغا بالىدىن ۋاپا كەلمىسە، كىمدىنمۇ ۋاپا كېلەر؟

ئۆزگىچە تەپەككۇرى، ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن ساپالىق ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئاپتورلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى ئەپەندىلەر «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن رېئال تېمىدا ئەسەر يېزىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2 – ۋە 4 – سانلىرىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلىرىمىز قىزغىن، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى ۋە بىزدىن «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» لىكى توغرىسىدىمۇ ئاز – تولا بىرنېمە دېيىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. دەرۋەقە، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى ئانىلارغا، دادىلارغا زامان تەلىپى قويۇشقا ھەقلىق بولغىنىدەك، بالىلارغىمۇ زامان تەلىپى قويۇشقا ھەقلىقتۇر.
جەمئىيەتنىڭ ئاتا – ئانىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمۇ زامان – ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغىنىدەك، بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدمۇ زامان – ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە، «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» دېگەن تېما ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن.

بىزگە غايىلىك بالىلار كېرەك

غايە — ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىستىقبال مەنزىلىنىڭ دوقمۇش – دوقمۇشلىرىدا يول كۆرسىتىپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ماياك. غايىسىز ياشىغان ئادەم قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياكى بىپايان چۆل – جەزىرىدە نىشانىنى تاپالماي تېڭىرقاپ يۈرگەن سەيياھقا ئوخشايدۇ. ئاتا – ئانىلار ھاياتىنى غايىسىز ئۆتكۈزۈپ، بالىلىرى ئۈچۈن پارلاق ئۈلگە تىكلەپ بېرەلمىگەن بولسا، بالىلار بۇنىڭدىن تەجرىبە – ساۋاق ئېلىپ، ئاتا – ئانىسى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىشى، مىللەتنىڭ، ئۆز جەمەتىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى لازىم؛ ئاتا – ئانىلار يۈكسەك غايە بىلەن ياشاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بالىلىرى ئۈچۈن پارلاق ئۈلگە ياراتقان بولسا، بالىلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئاتا – ئانىسىنى، مىللەتنى پەخىرلەندۈرگۈدەك ئىشلارنى قىلالىشى كېرەك.
بىزگە بىلىم – قابىلىيەتتە، ساپا – ئىقتىداردا، ئىجاد – كەشپىياتتا ئەجدادلىرىدىن، ئاتا – ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان روھقا ئىگە غايىلىك بالىلار كېرەك. چۈنكى زامان – ماكان بىزگە شۇنداق ئىمكانىيەتنى بەردى. بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى، ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان كومپيۇتېر بۇ قەدەر ئومۇملاشمىغانىدى. ئىككى تىللىق ۋە ياكى كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىمۇ ھازىرقىدەك جىددىي ھېس قىلىنمىغانىدى.
بالىلىرىمىز پەن – تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، پەن ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ كۈنسايىن يۇقىرىلاۋاتقان زامان ۋە ماكاندا ياشاۋاتقانىكەن، ھەر جەھەتتە ئاتا – ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشكۈدەك ئەمەلىي ئىقتىدارنى ئىگىلەپ، ئۆز جەمەتىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە ئۇتۇقلىرى بىلەن شان – شەرەپ كەلتۈرۈشى لازىم. «ئاتا – ئانام شۇنچىلىك بولغان يەردە، مەن قانچىلىك بولماقچىدىم» دەيدىغان قاراشنى «مىشچان بالىلار پەلسەپىسى» دەپ قارايمەن.
شۇنداق جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، قايسى زاماندا، ئەۋلادلىرى ئەجدادلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن مىللەت، دۆلەت روناق تاپقان، گۈللەنگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن مىللەت، دۆلەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، پالاكەت باسقان، خارابلاشقان، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قالغان مىللەت، دۆلەت بولىدۇ: بىر ئائىلىمۇ بۇ قائىدىدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر. ئەگەر بالىلىرى بىلىم – سەۋىيە، قابىلىيەت – ئىقتىدار، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە ئاتا – ئانىسىدىن ئېشىپ كېتەلىسە، ئۇ ئائىلە زامانغا لايىق روناق تاپقان ئائىلە جەمەتى بولىدۇ، ئاتا – ئانا، بارلىق ئۇرۇق – تۇغقان جەمەتى ھەتتا قولۇم – قوشنىلارمۇ ئۇ ئائىلىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئەۋلادلىرى ئىقتىدارسىز، ناكەس، نان قېپى، روھى زەئىپ، ئەخلاق – پەزىلەتتە چۈشكۈن، ساختىپەز، يالغانچى، ئالدامچى بولۇپ چىقسا، ئۇ ئائىلىنى خارابلىق باسىدۇ، ئاتا – ئانىنىڭ كۆڭلىنى غەم – قايغۇ، ھەسرەت قىينايدۇ، ئۇنداق ئائىلىنىڭ شەنىگە داغ چۈشىدۇ.
دېمەك، بىر بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ يېتىلىشى يالغۇز شۇ بالىنىڭلا ئىشى ئەمەس. ئۇ جەمئىيەت ئالدىدىكى بىر خىل مەسئۇلىيەت.

بىزگە مەسئۇلىيەتچان بالىلار كېرەك

مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر دۇنيادا ياشاشنى كۈن ئۆتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش — ياخشى تەربىيە ئېلىپ، پسىخىكا ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ساغلام يېتىلىپ، ئاتا – ئانا ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش؛ جەمئىيەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش؛ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۆز جەمەتىنىڭ، ئاتا – ئانىسىنىڭ، مىللىتىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنداش دەپ بىلىدۇ. مەسئۇلىيەتچان بالا ئۈمىدلىك بالىدۇر، ئۈمىدلىك بالا ئىستىقباللىق بالىدۇر.
مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئەكسى مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى __ ئىش خۇشياقماسلىق، لەقۋالىق، ھېچقانداق ئىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكتۇر. ئۇنداقلار مەيلى ئوقۇشتا بولسۇن، مەيلى بىرەر ئىش قىلىشتا بولسۇن، ئازراقلا قىيىنچىلىققا ۋە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىسىلا، يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشىشىپلا كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر قىيىنچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلارنى بېشىدىن كۆچۈرۈپ، تۇرمۇش مۈشكۈلاتلىرىنىڭ ئەلگىكىدە تاسقالغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تەجرىبە – ساۋاققا، قىممىتى بار تەسىرات، ھاسىلاتلارغا ئېرىشىدۇ.
كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەي تۇرۇپلا يېنىكلىك بىلەن ۋاز كېچىش، ئاز – تولا يۈزەكى بىلىمگە ئېرىشىپلا بەكمۇ قانائەتلىنىپ كېتىش، تېخىمۇ يامىنى، ھەمىشە ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، خىزمەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرنى ئەخمەق، ھاماقەت دەپ بىلىش __ مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ يەنە بىر تىپىك بەلگىسى.
مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالمايدۇ، بىر ئىشقا بۇيرۇساڭ قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن كېلىدىغىنى قىلالمىغان ئىشى ئۈچۈن ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئىزدەپ تېپىش.
يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەر نادانلىق ئەۋج ئالغان ئىلگىرىكى زامانلاردىكى ئىجتىمائىي قاششاقلىق، لەقۋالىق كېسەللىرىنىڭ ساقىندىلىرى، بۈگۈنكى پەن – تېخنىكا، ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان بالىلاردا ئۇنداق ئىللەتلەر بولماسلىقى كېرەك.

بىزگە ۋاپادار بالىلار كېرەك

بالىلار — ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، بالىلار __ ئاتا – ئانىلار مۇۋەپپەقىيىتى ياكى مەغلۇبىيىتىنىڭ نەق شاھىدلىرى ۋە جەمەت شەجەرىسىنى داۋام ئەتكۈچىلەردۇر.
زامانىمىزدىكى بالىلار ئىقتىسادىي باياشاتلىق، بىلىم – ئىقتىدار ئىگىلەش ئىمكانىيىتى كەڭ، ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش سەھنىسى تولۇق بولغان، ئەمما ياشاش رىقابىتى كەسكىن بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشىماقتا. ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشى بالىلىرىغا بولغان كۆيۈمچانلىقنى ۋىجدانىي بۇرچ ھېسابلايدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى يەڭگىللەتكىنى يوق. ئاتا – ئانىسىنى روھىي بېسىمدىن، غەم – قايغۇدىن، ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئاتا – ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقنى ۋىجدانىي بۇرچ ھېسابلايدىغان بالىلار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتتۇر.
ھەرقانداق زاماندا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى، ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولىنى ئۆزى تېپىشىنى، ئۆز ئاتا – ئانىسىغا، ئۆز جەمەتىگە ئاۋارىچىلىق، ئار – نومۇس ئەمەس، بەلكى ئاسايىشلىق كەلتۈرۈشىنى، شان – شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئارزۇ ھەرقانداق مىللەتكە، ھەرقانداق قوۋمگە ئورتاقتۇر.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىمىزغا نەزەر سالساق، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ جانلىنىشى، رەڭدارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىنجانلار، ھۆرىيەتقىزلار، ئەزىزجانلار، شېرىنجانلار قوۋمى كۆپىيىشكە باشلىدى. بىر قىسىم بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، غەم – قايغۇسى بىلەن كارى يوقلا، رەڭگارەڭ تۇرمۇش ئېقىمىغا قىزىقىپ، ھەقىقىي ياشاش ماھارىتى ئىگىلەشتىن كۆرە، ئويۇن – تاماشىغا بېرىلدى، »مودا« دەپ ئاتالغان شامالغا ئەگىشىپ، كەلسە – كەلمەس پەدىگە ئۇسسۇل ئوينىدى. جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ھالال ھاياتلىق يولىنى تاپالماي، ئاتا – ئانىسىنى غەم – قايغۇغا سالدى. ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى قەلب تارازىسىنىڭ ئادىللىقىغا شەك چۈشتى. ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىسىدىن ۋاپادارلىق كۈتۈش، ۋىجدان كۈتۈش ھەرقانداق ئاتا – ئانا قەلب تارازىسىنىڭ ئۆزگەرمەس تېشىدۇر. ھازىر، ئاتا – ئانا قەلب تارازىسىنىڭ بالىسىدىن ۋاپا، ۋىجدان كۈتىدىغان تېشى ئېغىر سالماقنى ئىگىلىسە، ئەمما بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم، مېھىر – شەپقەت كۈتىدىغان قەلب تارازا تېشى تېخىمۇ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىقلار مۇقەررەر ھالدا ئاتا – ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى مەمنۇنىيەتسىزلىك ئۇچقۇنلىرىغا ياغ چېچىپ تۇرىدۇ.
ئاتا – ئانا قەلبى شۇ قەدەر پاك، مىننەتسىزكى، ئۇلار ئەۋلادلىرىدىن __ بالىلىرىدىن، نەۋرىلىرىدىن، چەۋرىلىرىدىن جاپا ئەمەس، ۋاپا كۈتىدۇ. ھازىر، بىر قىسىم بالىلار «قوڭامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى» دەيدىغان شۆھرەتپەرەسلەر، ھەشەمەتخورلارنىڭ ئىللەتلىرىنى يۇقتۇرۇۋالدى. شۇنداق بالىلار، قېنى ئويلاپ بېقىڭلار: ئاتا – ئاناڭلارنىڭ بىر ئايلىق روزىغارىغا يېتىدىغان ئىقتىساد ئۆزۈڭلارنىڭ بىر قېتىملىق «تۇغۇلغان كۈن چېيى»دا سورۇۋېتىلسە، بۇ، ئاتا – ئاناڭلارغا قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
ئاتا – ئاناڭلار ئاددىي ئۆيلەردە، تېجەپ – تۆشەپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تاپقان – تەرگىنىنى سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك تويلىرىڭلار ئۈچۈن، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشۇڭلار ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بەرسە، ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئاتا – ئاناڭلار ئۈچۈن قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
ئاتا – ئاناڭلار تاپقان – تەرگىنىنى سەرپ قىلىپ، سىلەرنى ئالىي مەكتەپكە قەدەر ئوقۇتسا، سىلەر تېخىچە ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قامداش ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي، چوڭ ئىشلارنى قىلالماي، ئاتا – ئاناڭلارغا يۈك بولۇۋەرسەڭلار، قېنى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ، ئاتا – ئاناڭلارغا قىلغان ۋاپايىڭلارمۇ ياكى جاپايىڭلارمۇ؟
كىشىلەر ئارا بىر – بىرىگە خالىسانە كۆيۈنۈش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، ۋاپادارلىق قىلىشلارنىڭ ئورنىنى مەنپەئەتپەرەسلىك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ئىگىلەپ، ۋاپاغا جاپا يېنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئەگەر ئاتا – ئانىغا بالىدىن ۋاپا كەلمىسە، كىمدىنمۇ ۋاپا كېلەر؟
بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر بالا ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم. ئەقەللىي ئىنسانىي ئىنساپ ئۆلچىمى شۇكى، بالىلار ئاتا – ئانىسى ئۆزىگە قانچە كۆيۈنگەنسېرى، ئاتا – ئانىسىغا شۇنچە ۋاپادار بولۇشى، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاتا – ئانىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېغىرچىلىقىنى يېنىكلىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. مانا بۇ، ۋاپادارلىقنىڭ ئەقەللىي ئىپادىلىرىدىندۇر.
مەن باشقا قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ قەلەم تەۋرىتىپ، «بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟» دېگەن تېما ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ماقالەمنىڭ كەمتۈك جايلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تولۇقلاپ كېتىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.

(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)، مەنبە: سەلتەنەت تورى

Leave a Reply

Scroll To Top