چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 ئۇيغۇر ئەنئەنىسى

ئۇيغۇر ئەنئەنىسى

ئىلاۋە :

    ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل) سۆزى بولمىش پەندى-نەسىھەتلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەركانلىرىغا ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇتلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە موھتاجمىز.

 ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەپ-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىننىتىدۇر. زامان تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىنسانلار ئىدېئولوگىيىسىدە مەيلى قانداق تەۋرىنىش ، ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلسۇن، زامان مەككارلىرى مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالدىسۇن ، جەمئىيەت يەنىلا ئۆركى ئەخلاققا موھتاجدۇر !

     سالاملىشىش قائىدىسى

     تونۇش ياكى ناتونۇش   ئىككى كىشى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قالسا بىر-بىرلىرى بىلەن سالاملاشمىقى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا سالاملىشىپلا قالماي يەنە بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراشلىرى لازىم. بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە ئىككىنچى كىشى دەرھال ئىلىك ئېلىپ سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالام بەرگۈچى سالامنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تولۇق ئېيتقاي، «ئەسسالام ئەلەيكە» دېيىشى دۇرۇست ئەمەس، «سالام ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» ۋەياكى «ئەلەيكەس سالام» ۋەھەم «سالام بەردۇق» دېيىشكە زىنھار بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولۇپ، بۇنى «ئەلەيكۇل سالام» ، «ئەلەيكەس سالام» ياكى پەقەت «ئەلەيكۇم» دەپلا قويۇش توغرا ئەمەس. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر. «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولسا «سىزگە ھەم تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر.       سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ئىككى قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە. ياشتا كىچىك كىشى چوڭ ياشتىكى كىشىگە ، مېڭىپ كېتىۋايتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بەرمىكى بەرھەقتۇر. كەمسىتىپ ، كۆزگە ئىلمىغاندەك ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەبسىزلىكتۇر. سالام سەمىمىي بولسۇن. سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىقلىرى لازىم. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۆرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ناۋادا بىر كىشى تونۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىنى قىلالمىسا، شۇ جايدا تۇرۇپ ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام ئىشارىسىنى قىلسا بولىدۇ.   قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ كۆرۈشۈش بەكمۇ ئەدەبسىزلىكتۇر. بۇنداق قىلىش سالام بەرگەن كىشىنى كەمسىندۈرگەنلىك ۋە كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى لازىم.

كوچا-كويلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالماق لازىم

    كوچا-كويلاردا ئەدەپ بىلەن يۈرۈش، كىيىملىرىگە مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلماقلىق بار. ئېغزىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەنلا نەرسىگە ھاڭۋېقىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. بازاردا ۋە ئادەملەر كۆپ جايلاردا ئېھتىيات بىلەن يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن چامداپ باشقىلارنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىۋېلىش ياكى باشقىلارنى سوقۇۋېتىش، ئىتتىرىۋېتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نالايىق ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىش ياخشى ئەمەس. مەگەركىم ئىككى ئەر كىشى ياكى ئىككى ئايال كىشى ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇرغان بولسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش تەربىيىسىزلىكتۇر. ناۋادا يولدا بوۋاي-مومايلار كېتىۋاتقان بولسا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىش، ئالدىراش ئىش بىلەن كېتىۋاتقان بولسا ئۇلاردىن چەتنەپ يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا سۆزلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە دەخلى قىلىش ئوخشاشلا ئەدەبسىزلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسىدۇر ، شۇڭا چەترەك جايدا تۇرۇپ سۆزلىشىش لازىم. يولدا پۇتلىشىپ تۇرغان تىكەن، تاش ۋە نىجاسەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە بۇ نەرسىلەرنى چەترەك بىرەر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسە ساۋابلىق ئىش قىلغان بىلەن باراۋەردۇر. كوچا-كويلاردا كېتىۋېتىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، ئەخلەت تاشلاش بەك تەربىيىسىلىكنىڭ ئالامىتى. كوچا-كويلاردا ياشانغانلار، بالىلار ياكى ئاجىزلار ئۇچراپ قالسا ئۇلارغا ياردەملەشمەكلىك كېرەك. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا يۈكلىرى بولسا دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىدىن ئېلىپ ياردەم بەرگەن كىشى ئالىيجانابلىقىنى ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلغان بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ساۋابىنى كۆرىدۇ. يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى جامائەت ئەخلاقىغا قەتئىي رىئايە قىلمىقى زۆرۈر، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىش، سۆز تاشلاش، چېقىلىش ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئەدەپسىزلىك بولۇپلا قالماي يەنە ئەخلاقسىزلىقتۇر. بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىغۋا ، پىتنە-پاسات ، غەيۋەت-شىكايەت، تۆھمەت-بۆھتانلاردىن تىلىنى تارتماقلىق لازىم. بىرەر كىشىنىڭ تېيىلىپ ياكى پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ كەتكىنىنى كۆرسە دەرھال يۆلەپ ياردەم قىلىشمۇ تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ نامايەندىسى.

   ئىجازەت سوراش ئەدەبلىرى

     بىراۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرگىچە ئىشىكنى چېكىپ ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىقى لازىمدۇر. ئۈن-تىنسىز ، شەپە چىقارماي ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىش ئۇچىغا چىققان ئەدەپسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىكتۇر. ئاۋۋال ئىشىك ئاستىراق چېكىلمىكى كېرەك، ئىچكىرىدىن تاۋۇش چىقمىسا بىرئازدىن كېيىن يەنە چېكىڭ، ئەنە شۇنداق ئۈچ قېتىم چېكىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆي ئىچىدىن شەپە بولمىسا ئۆيدە ئادەم يوقلۇقى ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ جىددىي ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ مېھمان قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقى مەلۇمدۇر. شۇڭا ئىشىكنى يەنە تاراقلىتىۋەرمەي ئارقىغا يېنىش لازىمدۇر. ئەگەر ئۆي ئىگىسى «سىز كىم ؟» دەپ سورىسا «مەن »دەپلا جاۋاب بەرمەي نامۇ-شەرىپىنى مەلۇم قىلىش لازىمدۇر. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەدەپ-قائىدە بويىچە سالاملىشىپ ، نېمە ئىش توغرىلىق كەلگەنلىكنى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دېيىش كېرەك. بۇ چاغدا سۆز مۇلايىم ئېيتىلغان بولسۇن. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلسا رەھمەت ئېيتىپ ماقۇل بولۇش كېرەك، ، ئىش بەك ئالدىراش بولسا ئۆزرە ئېيتىپ تەكلىبىگە رەھمەت بىلدۈرمەك كېرەك، ئۆي ئىگىسى ماقۇل كۆرسە كېلىش مەقسىتى بىلدۈرۈلسە بولىدۇ. كېرەكلىك جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن خوشلىشىش لازىمدۇر.

            مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرى

    ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىرەر ئادەمنى تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز ياكى چاقىرمىغان بولسىڭىزمۇ كۆڭلى تارتىپ سىز بىلەن بىردەم – يېرىمدەم ھال-مۇڭ قىلىشقىلى ئۆيىڭىزگە كەلگەن بولسا ( كېلىشىدىن خەۋىرىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ ) ، سىز مېھماننى خۇشخۇي ، خۇشپېئىل قارىشى ئېلىپ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىڭ ، سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ ، يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ، ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلىپ تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭ . ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن دەرھال دەستۇرخان سېلىپ تائام كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىڭ . ناننى يېتەرلىك قىلىپ ئۇشتۇڭ ، كۆپ ئوشتۇپ قويسىڭىز نان ئىسراپ بولىدۇ ، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭ . مېھماننى « قېنى ، مەزەلەرگە بېقىڭ » دەپ تەكلىپ قىلىڭ ۋە ئاۋۋال ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ. مېھماندىن ئاۋۋال قولىڭىزنى تائامدىن تارتىۋالماڭ ، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ بىرلىكتە يېگەچ تۇرۇڭ ، بولمىسا مېھمان خىجىل بولۇپ قېلىپ تائامدىن قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ . مېھماننى « قېنى ئېلىڭ ، بېقىڭ » دەپ ھەددىدىن زىيادە قىستاۋەرمەڭ ، ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز كۇپايە . دەستۇرخانغا قويۇلغان تائام ئاز بولسا ئۆزىڭىز ئاز – ئاز ئېلىپ كۆپىنى مېھمانغا يېگۈزۈڭ . مېھمان تويۇپ تائامدىن قول تارتقاندىن كېيىن دەرھال قولىغا سۇ قۇيۇپ پاكىز لۈڭگە بېرىڭ . مېھمان بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ سۆزلەڭ ، ئۇ كۆتۈرەلمىگىدەك سۆزلەر ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن، بولمىسا بەزى سۆزلىرىڭىز ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن . مېھمان ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىڭىزدىن بىرەرىنى دۈشكەللەپ ياكى ئەيىبلەپ ۋە ياكى قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ سالماڭ ، بۇنداق بولۇپ قالسا مېھماننىڭ كۆڭلىگە تۈرلۈك ئويلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . مېھمان كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرسا ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ خوشلىشىڭ ۋە يەنە كېلىپ مېھمان بولۇپ تۇرۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈڭ . ناۋادا سىز كۆپ كىشىنى مېھمانغا چاقىرغان ياكى بىرنەچچە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىڭ.

       مېھماننىڭ ئىززىتى

     ئەگەر بىراۋلار سىزنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ توي ، زىياپەت ، مەرىكىلەرگە چاقىرسا چوقۇم بېرىڭ . بىرەر زۆرۈر ئىشقا تۇتۇلۇپ قېلىپ بېرىشقا ئىمكان بولماي قالسا ئۆزرە ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراڭ ۋە ئۆزىڭىزگە ئىززەت – ئېكرام كۆرسىتىپ ، ھۆرمەت – ئىززەت قىلىپ چاقىرغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرۈڭ . تەكلىپ قىلىنمىغان بىرەر كىشىنى توي ، زىياپەت ۋە باشقا مەرىكىلەرگە ھەرگىز بىللە ئېلىپ بارماڭ . توي ، زىياپەت ۋە مەرىكىلەرگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتالار سۆزلىرى بويىچە ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ .ئۇ يەردە ئاچكۆزلۈك قىلىپ تاماقنى ھەدەپ يەۋېرىش ئەيىب سانىلىدۇ. ساھىبخانا دەستۇرخانغا نېمە كەلتۈرسە ئۇنى ئېترازسىز يەڭ . دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن نازۇ – نېئىمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ساھىبخانىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ، بۇ بەك ئۇيات ئىش . مېھمانلاردىن ئاشقان تائاملارنى تەۋەررۈك ، دەپ زورلاپ بىر – بىرىگە يېگۈزۈش بولمىغۇر قىلىق ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلانماق كېرەك. زىياپەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇۋەرمەي ساھىبخانىغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىشقا ئىجازەت سوراش كېرەك .

Leave a Reply

Scroll To Top