كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولۇشنىڭ تۆت ئۇسۇلى
ئىسلاھاتچى، مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى 1917-يىلى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، مىسىرنىڭ ئالىي دىنىي ماقاملىرىدا ۋە قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەرنىڭ دەۋەت ئىشلىرى كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، مەككىدىكى ”ئۇممۇلقۇرا“ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە يىل ئۇستازلىق قىلغان. مىسىردىكى”ئەل ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن“ جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان، بۇ سەۋەبتىن ئىككى قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەربىيە ماۋزۇلىرىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يازغان، 1996-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيىدا سۆزلەۋېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن، مەدىنىدىكى ‹بەقى› قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ئىسلام دۇنياسىدا بىردەك تونۇلغان مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غازالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:« كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇللىرى» تۆت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
تەبەسسۇم
سەمىمىي تەبەسسۇم چىراينى پارلىتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان، قەلبنى يايرىتىدىغان، ئىككى شەخسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان سېھىرلىق نەرسىدۇر. دۇنيادا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇشكىلاتلىرى، قىيىنچىلىقلىرى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرى بار بولۇپ، ھەر كىم كۆڭلىنى خوش قىلىشقا، تەبەسسۇم قىلغان يۈزلەردىن سائادەت ئېلىشقا مۇھتاج. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنى ئېچىشىنى خالىسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلىڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىڭ، ئۇلارنى خوشال قىلىشقا تىرىشىڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بېغىشلىشىنى خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلاڭ ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىزھار قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.
تەبەسسۇم قىلىش، باشقىلارنىڭ چىرايىغا خۇش تەبەسسۇم بىلەن قاراش ساۋابلىق ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« بىراۋنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قارىشىڭنىڭ ئۆزىدە سەدىقىنىڭ ساۋابى باردۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
ئىللىق مۇئامىلە
باشقىلارغا گەپ-سۆز قىلغاندا، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ئىنتايىن ئىللىق، سىلىق ۋە يۇمشاق بولۇش كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولۇشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. شۇنى بىلىڭكى، سىز بىراۋنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا سۆيگۈزمىگىچە ئۇنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. مەسىلەن: بالىڭىزدىكى ياكى ئوقۇغۇچىڭىزدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشىڭىز شەرت. ئۇ سىزنى سۆيمىگىچە ۋە سىزگە قايىل بولمىغىچە، سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ، نەسىھىتىڭىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىنى قازىنىشنىڭ يولى ئۇلارغا چىرايلىق، ئېسىل سۆزلەرنى قىلىش، ئىللىق، سىلىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشتۇر. بىز ئۇيغۇرلاردا «چىرايلىق سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ»دەيدىغان ھېكمەت بار. چىرايلىق سۆز باشقىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە تارتىدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ مارك تۇيىن«مەن بىر ئېغىز چىرايلىق سۆزنىڭ تەسىرى بىلەن ئىككى ئاي ھايات كەچۈرەلەيمەن»دېگەن ئىكەن.
سۆزلەۋاتقان كىشىگە قۇلاق بېرىش
باشقىلارنىڭ سۆزىگە ياخشى قۇلاق سېلىپ، جىم تۇرۇپ ئاڭلاش ئاڭلىغۇچىنىڭ سۆزلىنىۋاتقان ماۋزۇنى ياخشى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغىنىدىن سىرت، ئۇنىڭدا ماۋزۇ ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش شۇجائىتىنى ئويغۇتىدۇ. سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر. بىراۋ سىزگە گەپ قىلىۋاتقاندا سىز ئۇنى ياخشى تىڭشىمىسىڭىز، ئۇ كىشى بىلەن ئۆزىڭىز ئوتتۇرىسىدا توساق پەيدا قىلغان بولىسىز-دە، ئۇ سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ، سۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ۋە سىزگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئاز سۆزلەپ كۆپ تىڭشاشقا ئادەتلىنىش لازىم. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قولاق سېلىشىنى تىلىسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قولاق سېلىپ تىڭشىشىڭىز شەرت. ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ. قېنى ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەر بىر سۆزىگە ئەستايىدىل قولاق سېلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىزھار قىلىشقا تىرىشىپ كۆرۈڭكى، ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىسىز. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇھەببىگە نائىل بولىشىڭىزدا شەك يوق.
باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ۋە جېدەللىشىشتىن يىراق تۇرۇش
ھەدەپ باشقىلارنى تەنقىدلەش ۋە ئورۇنسىز جىدەل قىلىشىش باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە نەپرەت بىلەن ئىنتىقام تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ. كۆپ تەنقىد مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا سەۋەب بولىدۇ. دۇنيادا خاتالاشمىغان ئادەم يوق. بىراۋ خاتالاشقاندا ئۇنىڭدا يۇمشاقلىق بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش لازىم. ھەر كىمدە مەلۇم ئەيىپ-نۇقسان تېپىلماي قالمايدۇ. شۇڭا «ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن ئادەم دوستسىز قالىدۇ»دەيدىغان ھېكمەت بار. باشقىلارنى تەنقىدلەشتىن ۋە جېدەل-ماجىرا قىلىشتىن ساقلانغان ئادەم كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش يولىدا كۆپ جاپا تارتمايلا غەلىبە قىلىدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشى ھەر كىمنىڭ نەزەرىدە سۆيگۈگە سازاۋەر كىشىدۇر.