چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى 20 ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتنڭ ئالاھدىلىكى
ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتنڭ ئالاھدىلىكى

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتنڭ ئالاھدىلىكى

 

ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ناھايىتى رۇشەن ئالاھىدىلىكە ھەم ئۇزاق تارىخىقا ئىگە .

 

ئۇ تاش قۇرال دەۋىردىن باشلاپ شەكىللەنگەن بۇلۇپ دەسلەپ ئىتقاد يۇزسىدىن تاغ چوقىللىرىغا سموۋۇل قىلىنىپ سىزىقىچە ،ئويما (ئەگمە ) شەكلىدە بارلىققا كەلگەن . كىيىن يەنە ئاي ، كۇن ،يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى نۇر مەنبەسىگە سموۋۇل قىلىنغان . يولتۇزسمان گىئومىتىريىلىك سىزىقچىلار تەكشى يۇز ئويما ، قاپراتىما ئويمىغا قاراپ راۋاجلانغان ۋە ئۇ تام رەسىملىرى ھەكەلتاراشلىق بىلەن ئورگانىك ھالدا مۇكەممەل شەكىل ئارقىلىق بىرلەشتۇرۇلگەن.

ئىسلامىيەتتىن كىيىن ، ئويغۇر بىناكارلىقى ئەنىئەنۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى راۋاجىلاندۇرۇش ئاساسدا ئىسلاھ قىلىنىپ تولۇقلىنىپ باردى . ھەتتا ئۇ مۇنار ، گۇمبەز ، دەرۋازا ، ئىشىك بىىشى ، تەكچە ئويىقى ، مورا ، پىشايۋان ، مىھىراپ ، تۈرۈكلەردىن تەرەققى قىلىپ گىلەم ، بادام دوپپا ، تەقىيە قاتارلىق باش كىيىملىرى دوبىلىغا قالقان ، ئات ، ئولاقلارغا توقۇيدىغان ئىگەر ، لڭىگرچاق ، ئۆزەڭگە ، ھايۋانلارنىڭ چوقايلىرى قاتارلىق كۇندىلك تۇرمۇش بويۇملىرىغىچە سىڭىپ ،پارلاق مەدەنيەتنىڭ گۇۋاھىچىسى سۈپىتىدە مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مەدىنىيتىنى بىيتتى . ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ، ئاساسلىقى ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ، قەشقەردىكى ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقىرى مەقىبەرىسى ، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مازىرى ، ھىيتىگاھ جاماسى ، ئاپپاق غوجا مازىرى ، يەكەندىكى چىلتەن (قىرىق تەن ) مازىرى قاتارلىق ئويغۇر خەلقىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇنلىغان قەدىمى مەدەنى مىراسلاردا ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان ھويلا –ئارام ، ئۆي ئىمارەتلەردە گەۋىدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىتى .

ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلكە ئىگە .

1.    رەڭلىك رەسىملەر : – مىھمانخاننىڭ ئىشكىلىرىگە ، تاملارنىڭ تەكچە ،مىھراپ يىندىكى بوش ئورۇنلارغا ، ھاراق ۋە سەرراپلارغا ، مەھجىد مەدىرسلەرنىڭ خالىرىغا ، پىشايىۋان –ئايۋانلىرىغا سىر بىلەن ئۆز خاس شەكىل ۋە ئۇسۇلۇپتا ھەر مەنزىرلەر .لوڭقا ۋە گۇللەر سىزلىدۇ . بۇنداق رەسىملەر ئەڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىلىشتۇرما پەرقى كۈچلۇك ، ئەمما بىر-بىرىگە ماسلىشالايدىغان رەڭلەر ئىشلىتىلىپ سىزلىپ ئويغۇرلارنىڭ رەڭگە بولغان قىزقىشى ۋە ھىسياتىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ                                                                                    .

2.    ئويغۇر بىناكارلىقدا سىر بىلەن سىزىلغان رەڭلىك نەقىشلەرمۇ ئىشلندۇ . لىكىن گەج ۋە تاغاچى ئويما نەقىشلەر ئاساس قىلىندۇ . گەج ئاق ، سىلىق بولۇپ قىتىشچانلىقى تىز ، مەشغۇلاتى ئاددى .

3.    قىشلارنى تىزىپ نەقىش ھاسىل قىلىش ۋە قىشلارغا گۈل چىقىرىش، ئويغۇر بىناكارلىقدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك : – قىشلارنى تىزىپ ھەر گئومىتىريىلىك نەقىش ھاسىل قىلىش بۇنىڭ بىر خىلى ، بىنالارنىڭ لەمپىللىرى ۋە پەلەمپەيلەردە ئىپادىلىندۇ . يەنى لەمپە ۋە پەللەمپەيلەرگە ئۈچبۇرجەك ، ئالتە بۈرجەك ، ۋە چاسا شەكىللىك قىشلارنى تىزىپ چىقىلىپ ناھايتى چىرايىلىق نەقىشلەرگە ئايلارندۇرۇپ ، بىنانى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تۇسكە كىرگۇزىدۇ .

4.    كاھىش : – ئويغۇر بىناكارلىقتا ئىشلتىدىغان كاھىش ئاساسەن يىشل ۋە زەڭگەر رەڭدە بولىدۇ . بۇنىڭ باشقا يەنە بىنەپشە رەك ، ھال رەڭ ، ئاق رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىك  كاھىش ۋە قاپراتما چىقىرىدىغان كاھىشلارمۇ بار .

قىسقىسى : ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلكىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى كىشگە بەدئى زوق ۋە مەنىۋى ئوزۇق بىرىپلا قالماسىتىن بەلكى ئويغۇرلارغا بىر خىل ئىپىتخارلىنىش ۋە پەخرلىنىش ھىسياتنى قوزغايدۇ .

ئويغۇر نەقشلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتىلىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ ئۆزگە خاس مىللى ئالاھىدىلىك ۋە مىللى ئۇسۇلۇپقا ئىگە . بۇ خىل ئالاھىدىلىك بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات جەرياندا گۈللەپ راۋاجلانغۇسى ۋە تەرەققى قىلغۇسى .

 

ئۇيغۇر بىناركارلىقى دىگەن كىتابدىن ئىلىندى

Leave a Reply

Scroll To Top