چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى 20 ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى

ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى

 ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى

ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ناھايىتى رۇشەن ئالاھىدىلىكە ھەم ئۇزاق تارىخىقا ئىگە .

ئۇ تاش قۇرال دەۋىردىن باشلاپ شەكىللەنگەن بۇلۇپ دەسلەپ ئىتقاد يۇزسىدىن تاغ چوقىللىرىغا سموۋۇل قىلىنىپ سىزىقىچە ،ئويما (ئەگمە ) شەكلىدە بارلىققا كەلگەن . كىيىن يەنە ئاي ، كۇن ،يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى نۇر مەنبەسىگە سموۋۇل قىلىنغان . يولتۇزسمان گىئومىتىريىلىك سىزىقچىلار تەكشى يۇز ئويما ، قاپراتىما ئويمىغا قاراپ راۋاجلانغان ۋە ئۇ تام رەسىملىرى ھەكەلتاراشلىق بىلەن ئورگانىك ھالدا مۇكەممەل شەكىل ئارقىلىق بىرلەشتۇرۇلگەن .

ئىسلامىيەتتىن كىيىن ، ئويغۇر بىناكارلىقى ئەنىئەنۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى راۋاجىلاندۇرۇش ئاساسدا ئىسلاھ قىلىنىپ تولۇقلىنىپ باردى . ھەتتا ئۇ مۇنار ، گۇمبەز ، دەرۋازا ، ئىشىك بىىشى ، تەكچە ئويىقى ، مورا ، پىشايۋان ، مىھىراپ ، تۈرۈكلەردىن تەرەققى قىلىپ گىلەم ، بادام دوپپا ، تەقىيە قاتارلىق باش كىيىملىرى دوبىلىغا قالقان ، ئات ، ئولاقلارغا توقۇيدىغان ئىگەر ، لڭىگرچاق ، ئۆزەڭگە ، ھايۋانلارنىڭ چوقايلىرى قاتارلىق كۇندىلك تۇرمۇش بويۇملىرىغىچە سىڭىپ ،پارلاق مەدەنيەتنىڭ گۇۋاھىچىسى سۈپىتىدە مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مەدىنىيتىنى بىيتتى . ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ، ئاساسلىقى ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى ، قەشقەردىكى ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇد قەشقىرى مەقىبەرىسى ، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مازىرى ، ھىيتىگاھ جاماسى ، ئاپپاق غوجا مازىرى ، يەكەندىكى چىلتەن (قىرىق تەن ) مازىرى قاتارلىق ئويغۇر خەلقىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇنلىغان قەدىمى مەدەنى مىراسلاردا ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان ھويلا –ئارام ، ئۆي ئىمارەتلەردە گەۋىدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىتى .

ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلكە ئىگە .

1.    رەڭلىك رەسىملەر : – مىھمانخاننىڭ ئىشكىلىرىگە ، تاملارنىڭ تەكچە ،مىھراپ يىندىكى بوش ئورۇنلارغا ، ھاراق ۋە سەرراپلارغا ، مەھجىد مەدىرسلەرنىڭ خالىرىغا ، پىشايىۋان –ئايۋانلىرىغا سىر بىلەن ئۆز خاس شەكىل ۋە ئۇسۇلۇپتا ھەر مەنزىرلەر .لوڭقا ۋە گۇللەر سىزلىدۇ . بۇنداق رەسىملەر ئەڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىلىشتۇرما پەرقى كۈچلۇك ، ئەمما بىر-بىرىگە ماسلىشالايدىغان رەڭلەر ئىشلىتىلىپ سىزلىپ ئويغۇرلارنىڭ رەڭگە بولغان قىزقىشى ۋە ھىسياتىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ .

2.    ئويغۇر بىناكارلىقدا سىر بىلەن سىزىلغان رەڭلىك نەقىشلەرمۇ ئىشلندۇ . لىكىن گەج ۋە تاغاچى ئويما نەقىشلەر ئاساس قىلىندۇ . گەج ئاق ، سىلىق بولۇپ قىتىشچانلىقى تىز ، مەشغۇلاتى ئاددى .

3.    قىشلارنى تىزىپ نەقىش ھاسىل قىلىش ۋە قىشلارغا گۈل چىقىرىش، ئويغۇر بىناكارلىقدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك : – قىشلارنى تىزىپ ھەر گئومىتىريىلىك نەقىش ھاسىل قىلىش بۇنىڭ بىر خىلى ، بىنالارنىڭ لەمپىللىرى ۋە پەلەمپەيلەردە ئىپادىلىندۇ . يەنى لەمپە ۋە پەللەمپەيلەرگە ئۈچبۇرجەك ، ئالتە بۈرجەك ، ۋە چاسا شەكىللىك قىشلارنى تىزىپ چىقىلىپ ناھايتى چىرايىلىق نەقىشلەرگە ئايلارندۇرۇپ ، بىنانى كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تۇسكە كىرگۇزىدۇ .

4.    كاھىش : – ئويغۇر بىناكارلىقتا ئىشلتىدىغان كاھىش ئاساسەن يىشل ۋە زەڭگەر رەڭدە بولىدۇ . بۇنىڭ باشقا يەنە بىنەپشە رەك ، ھال رەڭ ، ئاق رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىك  كاھىش ۋە قاپراتما چىقىرىدىغان كاھىشلارمۇ بار .

قىسقىسى : ئويغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلكىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى كىشگە بەدئى زوق ۋە مەنىۋى ئوزۇق بىرىپلا قالماسىتىن بەلكى ئويغۇرلارغا بىر خىل ئىپىتخارلىنىش ۋە پەخرلىنىش ھىسياتنى قوزغايدۇ .

ئويغۇر نەقشلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتىلىرى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ ئۆزگە خاس مىللى ئالاھىدىلىك ۋە مىللى ئۇسۇلۇپقا ئىگە . بۇ خىل ئالاھىدىلىك بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات جەرياندا گۈللەپ راۋاجلانغۇسى ۋە تەرەققى قىلغۇسى .

 

ئۇيغۇر بىناركارلىقى دىگەن كىتابدىن ئىلىندى .

Comments are closed.

Scroll To Top