ئەردوغاننى يەم قىلىۋەتمەيمىز!
ئاپتورى: يازغۇچى مەريەم گايبەرى
چۈنكى…
ئارقىسىدا ئارمىيە كۈچى بىلەن، ھەربى مەجلىس بىلەن، ئوچۇق ئاۋاز مەخپى يوقىتىش بىلەن ئەمەس، سايلام خەلقنىڭ يۈزدە 50% ئاۋازىغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەتكە چىققانلىقى ئۈچۈن!
دېموكراتىيەدە سايلام بىلەن كەلگەننىڭ سايلام بىلەن كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ”ئىسيانچىلار“ ئۈچۈن!
”ھايات ئۇسلۇبىمىز ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ“ دەپ يىغلىشىۋاتقانلارنىڭ، ئەمما ”كېچە سائەت 10 دىن كېيىن ھاراق سېتىۋالالمايمەن“ ۋە ”بالامنى چۈشۈرۋىتىشىمگىچە ئارلىشىۋاتىدۇ“ دېيىشتىن باشقا ھېچبىر گەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن!
سەمىمىيلەرچە ياغاچلارنىڭ يۆتكىلىشىگە ۋە تاكسىمنى پىيادىلەشتۈرۈش پىلانىغا قارشى چىققان، قارشىلىق ۋە نامايىش ھوقۇقى بولغان خەلقىمىزنىڭ بۇ ئاق كۆڭۈللۈكىنى قوللىنىۋاتقان چوڭقۇر كۈچلەرنى پەرق ئەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن!
ئىجتىمائىي قاناللاردا ئۇ ئاق كۆڭۈل ئىنسانلارنى غەليان قوزغاشقا كۈشكۈرتكەنلەرنىڭ مەقسىتىنى ئوپئوچۇق كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن!
تاييىبقا بولغان دۈشمەنلىكى كۆزلىرىنى كور قىلغان، ھەر بىر ھەرىكەتنى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىگە ئايلاندۇرۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ئاداۋەت ئۇچقۇننى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن!
ئۆكتىچى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ يالغان خەۋەرلەرنى قانداق تارقاتقانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىمىز ئۈچۈن!
”تاييىپ مازارغا، خەلق ھاكىمىيەتكە“ دەپ بايراق كۆتۈرۈۋالغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق دۈشمەنلىكىنى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن!
بۇ ھەرىكەتنى ”تۈرك باھارى“ دەپ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسىگە توشۇۋاتقانلارنىڭ ‘ۋەتەن سۆيەرلىكىنىڭ“ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن!
ئىجتىمائىي ئاخبارات ساھەسىنى، تارىخنىڭ ئەڭ ئەخلاقسىز ئازدۇرۇشلىرىغا ۋاسىتە قىلغان مۇخبىر ۋە ئارتىستەك نىقابلانغان چىرايلارنى ئوبدان تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن!
ئىسلامغا قارشى چەتئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ ، قول قوۋۇشتۇرۇپ ”ئاخىرى تاييىپ كېتىدۇ“ دەپ خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن!
تۈركىيىنىڭ دۇنيانىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرىدىن بولغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن!
50 يىلدىن بېرى قېنىمىزنى شوراۋاتقان IMF «خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى»نى قوغلىغانلىقى ئۈچۈن!
ھەر تۈرلۈك سەھىيە خىزمىتىنى ياشانغان ئانامنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈن!
600 مىڭ غېرىپ-مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن!
دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىستا چۆكۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنى ئىقتىسادتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن!
ئەڭ مۇھىمى ، 100يىللىق كۈرت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ھېچبىر ئەۋلادىنىڭ قانلىرىنىڭ ئاقماسلىقى ئۈچۈن ھەسەل يالىتىلغان زەھەرنى ئىچشىكە پەرۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن!
ۋە بۇ تۇپراقلاردا ياشاۋاتقان 70 مىليون كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن!!!
بىز باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى (خۇددى ئارمىيە ۋە ئىلمانى كۈچلەر باش مىنىستىر ئەدنان مەندەرەسنى، باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇرىيەت رەئىسىمىز تۇرغۇت ئۆزالنى، ۋە باش مىنىستىرىمىز مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقاننى يەم قىلىۋەتكەندەك) يەم قىلىۋەتمەيمىز!
(تەرجىمىدە جان پولات)
مەنبە: