چاقماق خەۋەر
Home 20 ئونىۋرسال يازمىلار 20 بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ
بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ

بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ

ئامېرىكىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى  يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . بالىلارنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇنچۇق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ناھايتى چوڭ زىيان سالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقنى كۆرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە چۆكۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ –دە ، بىر خىل ئويۇنچۇقنى ئويناش ، ئويناش داۋامىدا زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئويۇنچۇق ئويناشتىن بەلگىلىك بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ›› .
ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كايسى شېرۋا ئىشلىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات جەريانى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ . ئۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا 3000 دىن كۆپرەك بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى نىسبەتەن ئاز بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان ، ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتاب ۋە ئېيتىپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان ، ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بالىلارغا قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

Leave a Reply

Scroll To Top